گۇەنتانامو ئويۇنىنىڭ پېچكىلىرى


2007.03.15

Boston Globe گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، ئامېرىكنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتسنىڭ، ۋالتەر رىد ھەربىي داۋالىنىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن يولسىزلىقتا مەسئۇلىيىتى كۆرۈلگەن ئەربابلارنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق، باشقىچە يول تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

"ۋالتەر رىد ھەربىي داۋالىنىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋەقەسى كوبادىكى گۋەنتانامۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. روبرت گېتس كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىدە، گۋەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش ئارقلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىتۋارىنى قايتىدىن تىكلەش ھەرىكىتىنى باشلىتالايدۇ. "

دۆلەتلەر خىتاينى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قاچقانلىقى تەكىتكەنگەن Boston Globe گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:

"ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر تەھدىت ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ يىل سوتقا تارتىلىدىغان مەھبۇسلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا. دەرۋەقە 17 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ 16 سى ئەگەر ئامېرىكا ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىرەر يەر تاپالىغان بولسا، ئاللىقاچان ئامېرىكىدىن كېتىپ بولىدىغان مەھبۇسلار. لېكىن سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىز فېئىلدنىڭ گۋەناتنامودىكى تۇتقۇنلارنى ‘رەزىللەرنىڭ رەزىللىرى’ دەپ ئاتىغانلىقى ۋە خىتاينى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن، ھېچقانداق بىر دۆلەت ھەتتا ئالبانىيىمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ" .

ئامېرىكا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق دۆلەت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، خىتايدا جازاغا تارتىلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇررۇشنى خالىمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

"ئامېرىكىدا 2000 غا يېقىن بىر ئۇيغۇر جامائىتى ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق دۆلەت ئامېرىكا. ئەمما ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى چىقماقتا. ئەمما مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتىس، ھەرقانداق قىلىپ، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدىغان ئىش بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە بىر چارە تېپىشى كېرەك.

ئافغانىستاندا، ئافغانىستان پارلامېنتنىڭ قانۇن قوبۇل قىلىپ ھەتتا تالىبان رەھبەرلىرىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقى تەكىتلگەنگەن ماقالىدە، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2001‏- يىلىدىكى ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەن تالىبانلارنىڭ ئاددى جەڭچىلىرىنى ھېلىمۇ گۇەنتانامۇ ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ ۋە گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنىڭ يېڭى قوماندانى دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالى ھارى رېئىس، ئۆتكەن دېكابىر ئېيىغىچە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بېرىلگەن گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۆتكەن يىلى تۈرمىدە يۈز بەرگەن بىر توپىلاڭدىن كېيىن، يېڭى ياسالغان ۋە 6‏- لاگىر دەپ ئاتالغان تۈرمىگە يۆتكىۋەتكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەھبۇسلار 24 سائەتنىڭ 22 سائىتىنى يالغۇزلۇقتا ئۆتكۈزمەكتە.

Boston Globe گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

"دېمەك گۇەنتانامو ھېلىمۇ ئامېرىكىنىڭ قانۇن ھاكىمىيىتى ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشقانلىقىنىڭ خەلقئارا دىكى بىر سىمۋولى بولۇپ تۇرماقتا. يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتىسنىڭ گۇەنتانامودا 100 مىليون دوللارغا، بىر سوت بىناسى ياساش پىلانىنى بىكار قىلىپ ناھايىتى ئاقىلانە بىر ئىش قىلدى. ئۇ ئەمدى، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقىمىزگە دۆلتىمىزدىكى ئۆزىنى ئۆزى يوقىتىش ئېقىمىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچوق ئىپادىلىشى كېرەك. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.