بەش ئۇيغۇرنىڭ گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە بولغان ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بەشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپلەپ خەۋەر ۋە ئانالىزلار ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر بەش ئۇيغۇرنىڭ گۇەنتانامودىن قويۇب بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشقانلىقىغا بولغان خوشاللىق ھېسسىياتلىرىنى بىلدۈرۈشتى.