كۆزەتكۈچىلەر ئىسمائىل ئەمەتنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00
AlbanianRefugeeCenter200.jpg
ئالبانىيە پايتەختى تىرانادىكى دۆلەتلىك مۇساپىرلار مەركىزى. گۇەنتانامودىن ئالبانىيىگە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار مۇشۇ يەردە تۇرماقتا. 2006-يىلى 10-ماي تارتىلغان. AFP

گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئالبانىيىگە بېرىپ ئورۇنلىشىش ۋەقەسىدىن كېيىن، سوغاق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدە ئەڭ يېقىن سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداشلار بولغان، لېكىن ئەنۋەر خوجا دەۋرىدىن كېيىن ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان خىتاي - ئالبانىيە مۇناسىۋتى قايتا ئەسكە ئېلىنىشكە باشلىدى.

پاكىتسىز ئەيىبلەش

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالبانىيىگە قاراتقان دىپلوماتىك بېسىمىنى ئالبانىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە سولقانات ئالبانىيە مەتبۇئاتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەنلا قالماي، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئالبانىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمايىل ئەمەت ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنى يەر شارى تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشكە توسقۇنلۇق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئىسمايىل ئەمەت، 2001 ۋە 2002 - يىللىرى ئافغانىستاندا ئېسىرگە ئېلىنغان بۇ كىشىلەرنى تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى، دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئالبانىيىنى بىۋاستە تەنقىد قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنى " مېنىڭچە ئامېرىكا تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشتە قوش ئۆلچەم قوللانماقتا، بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز،" دەيدۇ. ئىسمايىل ئەمەتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "ئۇلار ئافغانىستاندا تالىبان ۋە ئەل - قائىدىنىڭ تەلىم تەربىيىسىنى ئالغان قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشكە تېگىشلىك جاھىل تېرورچىلار." لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ تېرورچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بار - يوقلىقىنى سورىغان مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا،"ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا بارغانلىقىنىڭ ئۆزى يېتەرلىك،" دەپ تەكىتلىگەن ئىسمايىل ئەمەت، "ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنى ئافغانىستاندا ئەسىرگە ئالدى ۋە ئۇلار تېررورچى تەشكىلات ئۈچۈن خىزمەت قىلغان،" دەيدۇ.

ئىسمايىل ئەمەت ھازىرغىچە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان خىتاي دۆلەت ئاپاراتىدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسمائىل ئەمەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدىكى مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشتۇر.

ئالبانىيە خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان

بۇ نامرات دۆلەتكە ئاپىرىپ قويۇلغان كىشىلەر ئۆز جامائىتى، ئورتاق تىلى، ئائىلىسىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇلار بۇ يەردە يەر شارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دىكتاتور دۆلەتنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىسمايىل ئەمەت مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تېررورچى، دەپ ئەيىپلەشنىڭ ئالدىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيىنى تەنقىدلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئالبانىيىدىكى باش ئەلچىسى تيەن چاڭچۈن، ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېسنىك مۇستافاچ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان ئىدى. ئالبانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىگە ھازىرغىچە ئاشكارە ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالبانىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئادۋۇكاتىغا بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپى رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەش ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى: ئۇيغۇرلار خەتەر ئالدىدا

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالبانىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان دىپلوماتلار، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسىدىن خاتىرجەم بولۇشنى ۋە ھازىرقى بوران - چاپقۇننىڭ ئۆتكۈنچى ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ 5 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت، بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالبانىيىدىكى كېلەچىكىدىن ئەنسىرىمەكتە. ئۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بوستون گلوب" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، "ئۇلارنىڭ ئالبانىيىدە تۇرۇشىغا يول قويۇلغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كېلەچىكى يەنىلا قاراڭغۇ،" دەيدۇ.

تىرانا ھۆكۈمىتى ئالبانىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مەسىلە خىتاي بىلەن ئالبانىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن.

ئالبانىيە پايتەختى تىرانا ئەتراپىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگىرىدا بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ۋە ھازىرغىچە ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغان مۇساپىرلار، گېرمانىيىگە كېتىشنى ئۈمىد قىلىشماقتا.

ئالبانىيە مەتبۇئاتلىرىدا

ئالبانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئالبانىيىدىكى بىر يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا گېرمانىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن جەم بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىدىكى فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئىلتىماسىدا، بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيە مۇساپىرلار لاگىرىدىكى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ مۈشكۈللىكى ھەققىدە توختالغان سەيبىن ۋېللىت، " بۇ نامرات دۆلەتكە ئاپىرىپ قويۇلغان كىشىلەر ئۆز جامائىتى، ئورتاق تىلى، ئائىلىسىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇلار بۇ يەردە يەر شارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دىكتاتور دۆلەتنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە،" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىقلارغا جاۋاپكار، دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دىپلوماتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ زوراۋانلىقلارنى شەخسى ئىختىلاپلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، "شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا تېرورىزىمنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى مەقسەتلىك ھالدا بىر نەرسە قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ئىختىلاپلىق بايانات

بۇ ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېلان قىلغان گۇەنتانامو ھەققىدىكى باياناتىدا،" بىر قانچە يىلدىن بېرى شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى،" دەپ تەكىتلىگەن ئىسمائىل ئەمەت، بۇ جەرياندا " تېرورچىلارنىڭ پۈتۈن پىلانى مەغلۇپ قىلىندى،" دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ لېچۈئەن، 14 - ئاپرىل كۈنى رايوندىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئاچقان يىغىندا "بىز دۇچ كېلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى ئۆتكۈر،" دەپ ئاگاھلاندۇرۈشنى ئۇنتۇمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى خىتاي بويىچە سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن - بىر رايون. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە رايوندا قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. ئىسمايىل ئەمەتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۆكۈمەت " ئەگەشكۈچىلەر"نى " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇق تەربىيىسى" ئېلىش ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا يوللانغان، " تەشكىلاتچىلار" نى قانۇن بويىچە قەتئى بىر تەرەپ قىلغان. (ئەركىن)