گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە نۇري تۈركەل بىلەن سۆھبەت
2006.01.04
گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئىچىدىكى سىدىق تۈركىستانى، ئەختەر، ئەخمەت ۋە ئايۇپ ھاجى مەمەتلەر ، مەزكۇر بازىدىكى بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلماقتا.
ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىر لاگىردا تۇرىۋاتقان ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى كىشىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىز ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادىل ۋە ئابابەكرىلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمى توغرىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنى زىيارەت قىلدۇق. نۇرى تۈركەل ئۆز نۆۋىتىدە گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېتنىڭ قانۇن ياردەمچىسى بولغان ۋە گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىككى ئارىدا قالغان گۇانتانامودىكى گۇناھسىز تۇتقۇن
- گۇانتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق سوتى ئېچىلدى
- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا
- نېپالدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش مۇمكىنلىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدلەندۈردى
- تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە