گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئىچىدىكى سىدىق تۈركىستانى، ئەختەر، ئەخمەت ۋە ئايۇپ ھاجى مەمەتلەر ، مەزكۇر بازىدىكى بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلماقتا.
ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىر لاگىردا تۇرىۋاتقان ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى كىشىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىز ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادىل ۋە ئابابەكرىلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمى توغرىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنى زىيارەت قىلدۇق. نۇرى تۈركەل ئۆز نۆۋىتىدە گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېتنىڭ قانۇن ياردەمچىسى بولغان ۋە گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان.