ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باياناتچىسى نېۋت گېنڭرىچنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سۆزلىرىگە رەددىيە

گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى داۋاملىق تالاش - تارتىش قىلىنماقتا. تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ تاشقى سىياسەت ژورنىلىدا بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنىڭ تېمىسى "ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي تونۇيلى."
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-05-21
Share
Nury-Turkel-305.jpg ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﯜﺭﻛﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo / Eqide

ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ژۇرنال بولغان تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايلىق سانىدا ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ "ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي تونۇيلى" ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلىندى.

بۇ ئوبزور ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باياناتچىسى نېۋت گېنڭرىچنىڭ ۋاشىڭتوندا چىقىدىغان تەكشۈرگۈچى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدىكى گۇئانتامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆزلىرىگە رەددىيە ئاساسىدا يېزىلغان.

نېۋت گېنڭرىچ ئوبزورىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ 2002 - يىلىدىن باشلاپ گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۈچۈن خەۋپ. ئۇلار ئامېرىكىدا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە 3000 ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان تېرورىستلار تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن. ئۇلار بۇ تېرورىستلار بىلەن ئوخشاش، بۇ ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئورۇن يوق، دېگەن ئىدى.

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئوبزورىدا بۇ سۆزلەرگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئوبزورىنى "نېۋت گىنڭرىچ مېنىڭ مىللتىمگە تىل ئۇزۇتىشتىن ئاۋال بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشى كېرەك،" دەپ باشلىغان ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزچە ئېيتىلغان ۋە ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.

نۇرى تۈركەلنىڭ بۇ ئوبزورى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىمۇ غۇل - غۇلە قوزغىغان. بىز نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن بۇ ئوبزورنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.



پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت