گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت(3)

0:00 / 0:00

گۇەنتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بەشى، 5 – ماي كۈنى ئالبانىيىگە يېتىپ باردى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھەم بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالبانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ ھەقتىكى قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە بارغان بۇ بەش ئۇيغۇر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز قانات ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.