' گۇئانتانامودىن ئامېرىكىغىچە' ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى تارىخچى ۋە ژۇرنالىست ئەندي ۋورتىڭتون بىلەن سۆھبەت

ئەنگلىيىلىك تارىخچى ۋە ژۇرنالىست ئەندي ۋورتىڭتون 2006 - يىلدىن باشلاپ ئۆز دىققەت نەزىرىنى ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي بازىسىغا قامالغان مەھبۇسلارغا ئاغدۇرغان ھەمدە 2007 - يىلى " گۇەنتانامو ھۆججەتلىرى: ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۈرمىسىدىكى 774 مەھبۇسنىڭ ھېكايىسى" ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابتا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ توختالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.14
gitmo-uyg-sodiye-teqdir-305.jpg ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﯞﻩ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﺋﻪﻧﺪﻱ ﯞﻭﺭﺗﯩﯖﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺶ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﻮﺗﭽﻰ ﺭﯨﻜﺎﺭﺩﻭ ﺋﯘﺭﺑﯩﻨﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
http://www.andyworthington.co.uk
ۋورتىڭتون ئەپەندى يېقىندا "گۇئانتانامودىن ئامېرىكىغىچە" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ گۇەنتانامو ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەقدىرىگە سوئال قويدى ھەمدە ماقالىسىدە سوتچى ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش ھۆكۈمنىڭ ئىنتايىن ئاقىلانە ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۆۋەندىكىسى ۋورتىڭتون ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى.

‏ - ئەندي ۋورتىڭتون ئەپەندى، گۇەنتانامو ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىغا قىزىقىپ قېلىشىڭىزنىڭ جەريانى ھەققىدە توختالغان بولسىڭىز، سىز ئەسلى بىر تارىخچى، قانداقسىگە گۇەنتانامو مەسىلىسىگە قىزىپ قالدىڭىز ؟

ئەندي ۋورتىڭتون : مەن گۇئانتانامودىكى ھەممە تۇتقۇنلارغا قىزىقاتتىم. بۇ شۇنىڭ بىلەن باشلانغان. مەن 2005 - يىلىلا بۇ ھەقتە تەتقىقات قىلىشنى باشلىغان، ئەمما ئۇ چاغدا بۇ ھەقتە تەييار مەلۇمات يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ ھەقتە پەقەت قويۇپ بېرىلگەنلەردىنلا چەكلىك ئۇچۇر ئىگىلىگىلى بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەقتە توختىلىشنى خالىمايتتى. 2005 - يىللىرى ئادۋوكاتلارنىڭ مەزكۇر مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلغاندىن كېيىنلا گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ھېكايىلەر چىقىشقا باشلىدى. بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتا ۋاقىتتا، خاتا جايدا تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەن بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى رەتلەش جەريانىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن ئۇچراشتىم.

‏ - سىزنىڭ گۇەنتانامو ھۆججەتلىرى دېگەن كىتابىڭىزدا ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئورۇن بېرىلدى؟

ئەندي ۋورتىڭتون : ئۇيغۇرلار كىتابىمدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەن ئۇلارغا بىر نەچچە بەت ئاجراتتىم. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرگە تۇتۇلغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ ھېكايىسى ئاساسەن ئوخشايدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ باردىم. ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىدە شۇ نەرسە ئېنىق يورۇتۇلغان. ئۇلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دېگەننى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر دۈشمىنى، يەنى ئۇلارنى ئۇزۇندىن بۇيان باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت پەقەت بىرلا دۈشمىنى بار بولۇپ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ‏ - ئاخىرى بولۇپ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.

 - ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى سودىيە ئۇربىنا گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەمما ئەتىسى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سودىيەنىڭ مەزكۇر قارارىنى توسۇپ قويدى. بۇش ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇندى. سىزنىڭچە بۇ يەردە ئامېرىكا ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئورگانلار ئارىسىدا كۈچ تالىشىش مەيدانغا چىقىۋاتامدۇ ‏ - قانداق؟

ئەندي ۋورتىڭتون: مەنچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سودىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى تۇرغىدەك ئاساسى يوق. بۇ ئاخىرىدا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تالاش - تارتىش قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما شۇ كۈنى سوتقا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇربىنانىڭ بۇ ھۆكۈمى ئامېرىكا ئەدلىيە سىستېمىسى ئۈچۈن پەخىرلىك بىر دەقىقىدە بولغان. ھۆكۈمەتمۇ بۇ بالىلارنى دۇشمەن جەڭچى ئەمەس دەپ ئېلان قىلدى. سودىيە ئۇربىنا ئېيتقاندەك، بۇ بالىلارغا قارشى ھېچقانداق دېلو تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدى. شۇڭا بۇلارنى يەنە تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىزلىق. ئۇلار بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. سودىيەنىڭ مەيدانى پۈتۈنلەي توغرا.

‏ - سىز گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىسىز. بۇنى سىز يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان ماقالە ۋە كىتابلاردىن تەپسىلىي كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سىزنىڭچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىشىدە ئۈمىد قانچىلىك؟

ئەندي ۋورتىڭتون : مەن شۇنداق ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھۆكۈمەت ئەرزىنىڭ نەتىجىسىز ئاياغلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلار مەن بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان تەرەپلەر.

ھازىرغىچە ھۆكۈمەت، بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت تاپقىچە ئۇلارنى قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرالايمىز دېگەندىن باشقا يەنە، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇۋېتىلمەيدىغانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدىغان بىرەر كۈچلۈك مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى.

ئۇلار بۇ نۆۋەت سۇنغان ئەرزىدىمۇ، " بۇ ئۇيغۇرلار لاگىرلاردا ھەربىي تەلىم ئالغان، ئۇلار تېررورچىلار بىلەن ئالاقىدار" دېگەندەك ھەتتا ئۆزلىرىمۇ ئاساسسىز دەپ قارايدىغان جىنايەتلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇلار ھازىر ئۆزىنى ئۆزلىرى ھاسىل قىلغان قىيىن ئەھۋالغا قىستاپ قويدى. ئەگەر بۇ يەردە ھەقىقەت بار دېيىلسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزى چوقۇم مەغلۇپ بولۇشى كېرەك. سودىيە ئۇربىنانىڭ قارارى توغرا. بۇ بالىلار ھېچكىمگە تەھدىت ئەمەس، ئامېرىكىغا تېخىمۇ تەھدىت بولغان ئەمەس. شۇڭا مەن خەيىرلىك ئىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن.

‏ - تارىخچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېيتىپ باقسىڭىز، گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسى ھاسىل قىلغان ئادالەت بوشلۇقىغا كەلگۈسىدە قانداق باھا بېرىلىشى مۇمكىن ؟

ئەندي ۋورتىڭتون : ئۇزۇنغا قالماي بۇ جاي دەھشەتلىك شەرمەندىچىلىك سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. مەنچە، جەنۋە ئەھدىنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەن جازاسى ۋە قىيناشنى پۈتۈنلەي چەكلەش ماددىلىرىغا بۇ يەردە ھۆرمەتسىزلىك قىلىندى. بۇ جەنۋە ئەھدىنامىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن ئاساسىي قانۇنغىمۇ داغ تەگكۈزىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.

بۇ بەزى تەرەپلەردىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ياپونلۇقلارنىڭ تۈركۈملەپ ئالاھىدە رايونغا قامال قىلىنىشىغا ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ جاي تېخى تېپىلمىدى. بۇ يەردىكى مەسىلىلەرمۇ تېخى ئاياغلاشقىنى يوق. بىزنىڭ ھازىر كۈتىدىغىنىمىز، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەمدە ئادەملەرنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماي تۇرۇپ تۇتۇپ تۇرمايدىغان، ئەگەر ئۇرۇش مەزگىلىدە ئادەم تۇتۇلسا، جەنۋە ئەھدىنامىسى بويىچە ئۇلارنى قىينىمايدىغان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئەخلاقى مەيدانى ئۈچۈن ئارا تۇرىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى ئورۇندا مەيدانغا چىقىشىدۇر.

Andy Worthington يەنە " تاش بالبال: تەبرىكلەش ۋە ئاغدۇرۇش ‏ - Stonehenge: Celebration &‏ Subversion"، "پۇرچاق ئېتىزلىرى ئۈچۈن جەڭ ‏ - The Battle of the Beanfield" ناملىق كىتابلارنىڭ ھەمدە گۇەنتانامو ۋە شۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ئالاقىدار ساناقسىز ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى، ئۇ ھازىر ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشايدۇ. ۋورتىڭتون ئەپەندى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز. بۇ تور بېتىگە مەرھەمەت قىلىڭ. www.andyworthington.co.uk
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.