گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسى سوت مەھكىمىسىدە


2006.09.11
Willett_Sabin.jpg
گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى sabin Willett.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5‏- ماي كۈنى گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادىل ۋە ئابابەكرى قاتارلىق بەش ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئامېرىكا فېدېرال ئوتتۇرا سوتى ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈشىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئالابانىيىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئامېرىكا ئوتتۇرا سوتى 8‏- ماي كۈنى فېدېرال سوتىنىڭ ئادىل ۋە ئابابەكىرى ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمىنى كۆرۈشمەكچى ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئادىل ۋە ئابابەكرى قاتارلىق پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىسى" ئەمەس، دەپ ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئامېرىكا فېدېرال سوتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان بەش نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسقا قايسى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن. ئۇلار قوللىرى باغلاقلىق ھالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئالبانىيىگە كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

ئادۋوكاتلارنىڭ قاراشلىرى

ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلغان بەش ئۇيغۇر مەھبۇسنى، تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. بەزى ئادۋوكاتلار ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمەتنى ئېغىر بىر ئەھۋالدا قويىدىغان قارار چىقىرىپ قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بەزى ئادۋوكاتلار بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ 4 يىلدىن كۆپ گۇەنتانامو تۈرمىسىدە بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلغان، گۇناھسىزلىقى ھەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەربىي سوت ھەمدە ئامېرىكا فېدېرال سوتى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا تۆلەم تۆلەشتىن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يۈزلىگەن مەھبۇسنىڭ ئادۋوكاتلىرى تەرىپىدىن ئۈلگە قىلىنىشىدىن چۆچۈپ، ئۇلارنى دەرھال ئالبانىيىگە ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

سوت مەھكىمىسىدىكى تالاش – تارتىش

گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىمۇ مەزكۇر بەش ئۇيغۇر مەھبۇسقا ئوخشاش ئۆزلىرىدىن خەۋەرسىز ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇلارنى بۇ قاراردىن ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈشىنى ھەمدە سوتنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزدىن كۆرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىپ تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.

تەپتىش مەھكىمىسى بۈگۈن ۋاشىنگتوندا مۇشۇ مەسىلىنى كۆرۈشتى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئوندا باشلىغان سوت مەھكىمىسىدە، ئاۋۋال ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي جەھەتتىن سالاھىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەي ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى ئاقلىدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق مەھبۇسلارنى ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدىكى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرماي، ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشنى قارار قىلسا، قايسى دۆلەتكە ئەۋەتىدىغانلىقىدىن ئۇلارنى ئالدىن خەۋەردار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان باش سوتچى، بۇ مەسىلىدە ھۆكۈم چىقىرىشنى بىر كۈن كېيىنگە كېچىكتۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىتنىڭ قاراشلىرى

گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت، بۈگۈنكى سوت مەھكىمىسنىڭ نەتىجىسى ۋە ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"بىر سوت مەھكىمىسىدىن قانداق ھۆكۈم چىقىدىغانلىقىنى سوت جەريانىدا سورالغان سۇئاللاردىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى بۇ سوت مەھكىمىسى ئىككى مەسىلىنى مەقسەت قىلغان. بىرىنچىسى، بىز فېدېرال سوت گۇەنتانامودا ھېلىمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزدىن كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى خالايمىز. ھۆكۈمەت بولسا بۇنى كېچىكتۈرۈشنى خالايدۇ. بۇ مەسىلە سوتتا ئايدىڭلىشىدۇ. ئىككىنچى مەسىلە بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ مەھبۇسلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى بۇ قاراردىن ئالدىن خەۋەردار قىلىشى مەسىلىسى ئىدى. مېنىڭچە، سوتچىلار بىرىنچى مەسىلىدە بىزگە قارشىراق مەيداندا تۇردى. ئىككىنچى مەسىلىدە كۆپ سوئاللار سورالغان بولسىمۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىللەر رەت قىلىنمىدى. ئەمدى قانداق ھۆكۈم چىقىدىغانلىقىنى كۈتۈشىمىز كېرەك".

گۈئەتنامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۈگۈنكى سوت مەھكىمىسگە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.