گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار كانادا مەتبۇئاتلىرىدا


2007.10.10

گۇئانتانامو تۇرمىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا بۇ كانادالىقلار ئۈچۈنمۇ ناتونۇش مەسىلە ئەمەس . ئالدىنقى يىلنىڭ باشلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كانادا دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ ، كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كانادا تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ كانادا دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى كانادا مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى.

يېقىندا كانادانىڭ كبك رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئانتوني گەرمائىن ئامېرىكىنىڭ بوستوندىكى بىنغام ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ خادىمى ، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان جاسون پىننەينى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلانىڭ گۈەنتاناموغا قانداق كېلىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى سالاھىيىتى ۋە ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. بىز بۇ پروگراممىنى بۇ زىيارەت ئاساسىدا تەييارلىدۇق. ئادۋوكات جاسون پىننەينىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا قولغا چۈشكەن بۇ ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن جەڭچىلىرى دەپ قاراپ،گۇئانتانامو تۇرمىسىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس،بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇيغۇرلار خاتا ۋاقىت ۋە خاتا ئورۇندا قولغا ئېلىنغان

ئادۋوكات جاسون پىننەي ئۇيغۇرلارنىڭ گۇئانتانامودا پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى تونۇشتۇرۇپ: گۇئانتانامودىكى تۇرمىدا نۆۋەتتە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا . مېنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنۇم 9 نەپەر ئۇيغۇرغا مەسئۇل. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زۇلۇملىرىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردۇر. بۇلارنىڭ كۆپلىرى تۈركىيىگە بېرىپ ئىشلەشنىڭ يولىنى قىلىش ئۈچۈن، 1999-يىلى ۋە 2000-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستانغا كەلگەنىدى.

ئۇلار ئافغانىستاندا تۈركىيىنىڭ ۋىزىسىنى كۈتۈپ ياتقاندا، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى پارتلىدى. ئۇلار تۇرۇۋاتقان يېزىمۇ بومباردىمان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاغلارغا قاچتى ۋە ئاشلىق ۋە يېمەكلىكتىن قىسىلغان بۇ ئۇيغۇرلار تاغۇ- تاشلارنى ھالقىپ پاكىستانغا قېچىپ باردى. پاكىستاندا ئۇلارنى پاكىستانلىق مۇسۇلمانلار مەسچىتكە ئېلىپ باردى ۋە ئۇلارنىڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، ياخشى تائاملار بىلەن مېھمان قىلدى. كېچىنى مەسچىتتە تۈنىگەن بۇ ئۇيغۇرلار ئەتىسى پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئادەم بېشىغا 5000 دوللاردىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سېتىلدى. باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار گۇئانتانامودا پەيدا بولدى،دەيدۇ.

بۇ ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنى ئۆزلىرىنىڭ دوستى، دەپ قارايدۇ

ئادۋوكات گۇئانتانامودا تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ باشقا تۇتقۇنلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس،ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: "ئەگەر گۈەنتاناموغا كىرسىڭىز بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە ھاياتىنى كۆرىسىز . بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى كۆز قاراش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئۇلار ئامېرىكىغا چوقۇنىدۇ ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشلىرىگە ئامېرىكىدىن ياردەم كۈتىدۇ،" دەيدۇ.

ئادۋوكات جاسون پىننەي بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خاتا يەر ۋە خاتا ۋاقىتتا تۇتۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ جىنايەتچى ياكى تېررورچى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: "نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا، بىز بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ياكى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدۇق، لېكىن ئۇلار گۇئانتانامودا يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،" دەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ سوتى يەنىلا داۋام قىلماقتا

ئادۋوكات جاسون پىننەينى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنى سالاھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:" بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار رەسمىي قويۇپ بېرىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە. لېكىن ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت يېتەرلىك بىخەتەرلىك زېمىنىنى ھازىرلىغىنى يوق. بىر يىلدىن بېرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ توغرا ئەمەس. ئۇلار سوتقا چىقىرىلىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە سوت تېخى ئۇلار ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارنى بەرمىدى. بىز ئىلگىرىكى سوتنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى سەلبىي قارارىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز،" دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ قارارى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىنقى يىلى، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەربىي سوتتا پەقەت قانۇنسىز دۈشمەن جەڭچىلىرىنىڭلا سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا ئالي سوت مەھكىمىسى بۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا، ھەرقانداق ئادۋوكات ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئادۋوكات جاسون پىننەي بۇ قارارلارنىڭ بۇ يەردىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر غەلىبە . بۇنىڭ بىلەن ئالىي سوتنىڭ سوت تەرتىپىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. مىسالغا ئالسام، ئىلگىرىكى سوت مەن مەسئۇل بولغان ئەلى ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغانىدى. بۇ يىل 4- ئايدا ئالىي سوت مەھكىمىسى، ئىلگىرىكى ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم چىقاردى. ھۆكۈمەتمۇ ئۇنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى" دەيدۇ.

17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۇرمە ھاياتى قاچان ئاخىرلىشىدۇ، بۇ سۇئالغا جاۋاب تېپىش يەنىلا قىيىن.

بۇ ئادۋوكاتنى زىيارەت قىلغان، ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان، كبك رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئانتوني گەرمائىن بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا ئامېرىكىغا چوقۇنۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچلۇك ئىكەنلىكىنى،ئەگەر 17 نەپەر ئۇيغۇر گۇئانتانامودا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىۋەرسە، ئۇيغۇرلاردىكى ئامېرىكىغا بولغان بۇ خىل كەيپىياتنىڭ سۇسلىشىشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.