گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە


2006.04.14
adil-hekim-guantanamo.jpg

ئامېرىكا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا گېرمانىيەگە بېسىم ئىشلەتمەكتە

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېل كېلەر ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىسقىغىنە 4 ئاي ئىچىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن 2 ‏- قېتىم ئۇچرىشىدىغان باش مىنىستىر ئانگېلا ماركېل، كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى گېېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

گېرمانىيە گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن

گېرمانىيىدە چىقىدىغان " دۇنيا " گېزىتى جۈمە كۈنىدىكى سانىدا گېرمانىيە دىپلوماتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، باش مىنىستىر ماركېلنىڭ 3 ‏- ماي كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئاق سارايدا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى گۈەنتانامو ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى گېرمانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. " دۇنيا " گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس " دەپ ئاقلانغان 15 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ گېرمانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا ۋە باش مىنىستىر ئانگېلا ماركېل بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. دۇنيا " گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە گۈەنتانامودا 2002 - يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى يەرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق جاي، دەپ قارالغان. چۈنكى گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە شتاتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ يىغىلغان جايى ۋە ئۇلار بۇ كىشىلەرنى تېزلا ئۆز قوينىغا ئېلىپ كېتىشى مۈمكىن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى گۇانتانامونى تاقاشنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان بىردىن-بىر ياۋروپا رەھبىرى

ئانگېلا ماركېل، گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقىۋېتىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان بىردىن - بىر ياۋروپا رەھبىرى. ئۇ ، گۇانتانامو لاگىرىنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماسلىقى كېرەك،دەپ تەنقىدلىگەن. ئانگېلا ماركېل، بۇ يىل 13 ‏- يانىۋاردا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، گېرمانىيىدە چىقىدىغان " دېر شپېيگىل" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " گۈەنتاناموغا ئوخشاش قېلىپتىكى تۈرمىلەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماسلىقى كېرەك. بىز بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئوخشىمىغان يوللىرىنى تېپىشىمىز لازىم " دىگەن ئىدى. ئىران ۋە گۈەنتانامو مەسىلىسى ئانگېلا ماركېلنىڭ پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇ قېتىمقى سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ گۈەنتانامونى تاقاش تەكلىپى ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەككورماك ئەينى چاغدا، " بۇ لاگىر جەمئىيەتنى ، قويۇپ بېرىلسە ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشىدىغان بۇ خەتەرلىك كىشىلەردىن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

Willett_Sabin.jpg
گۇانتانامودىكى بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى Sabin Willett. ئۆزى تەمىنلىگەن

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىلگىرىلەشلەر بار

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى گۈەنتاناموغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر لاگىردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 3 ‏- بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بەزى ئىلگىرىلەش يۈز بەرمەكتە. لېكىن ئۇ سۆزىدە، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ قايسى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولسا بۇ مەسىلىگە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خالىماي كەلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى بېرلىندا " دۇنيا " گېزىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر خەۋىرىگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى " بىز بۇ خەۋەرگە باھا بېرەلمەيمىز " دەيدۇ.

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشتىكى نازۇك مەسىلىلەر

ھازىر گۈەنتانامودىكى " ئامېرىكا كەسلەنچۈكى" لاگىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" ۋە ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ دەپ قارالغان 15 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنى، ئۆزلىرىنىڭ 3 ‏- بىر دۆلەتكە تەقسىم قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. لېكىن تۇتقۇنلار ئىچىدىكى ئامېرىكىنى "شەيتان" دەپ قارايدىغان دىنىي قارىشى چېكىدىن ئاشقان رادىكال پوزىتسىيىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر، ھازىرغىچە يۇقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا نازارەت قىلىنىدىغان لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. " گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا تىرەجىمەكتە. " دۇنيا " گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چۈنكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قارىتىلغان " دۈشمەنلىك" ھەرىكەت، دەپ قارىلىشىدىن ئەندىشىە قىلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار سوت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسىگە ئافغانىستانغا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بېرىشتىكى مەقسىدىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى بۇ يەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۈر تۇتقۇنلارنى ئاقلىغاندىن كېيىن، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 3 ‏- بىر دۆلەت تېپىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىدى.

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى دۆلەتكە يۆتكەشتىكى قىيىنچىلىقلار

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبىن ۋېللىت، " بىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ دۇنيانى گۈەنتانامونىڭ تېررورچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولدۇق. ئەمدى دۇنيا بىزگە ئىشەندى ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ " دەيدۇ. ئۆتكەن يىلى 12 ‏- ئايدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدىرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جېيمىس روبېرتسون، لاگىردىكى ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملارنى ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇتۇش قانۇنسىز، دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. فېدىرال سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدىن كېيىن ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبىن ۋېللىت، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. سەيبىن ۋېللىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گۈەنتانامودىكى 23 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدە ئادىل بىلەن ئابابەكرىدىن سىرت، قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇر بار. سەيبىن ۋېللىت ھازىر گۈەنتانامودا تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسىغا ياردەملەشمەكتە. ئۇلار بۇ سەپىرىدە ئابابەكرى قاسىمغا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزمەكچى. نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئابابەكرىنىڭ "ئامېرىكا كەسلەنچۈكى " لاگىرىدىكى كامىرىغا پەتە قىلىپ، خەتمە قۇرئان ئوقۇيدىغان بىر قارىنى تېپىپ قويغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.