گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى، كۇبادىكى گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدا ئامېرىكا ۋە غەرب مەتبۇئاتىدا نۇرغۇنلىغان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 27‏- ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كەچ بولسىمۇ، گۇئانتاناموھەربىي تۈرمىسىنى تاقاشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

تېررورچىلىق گۇماندارلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ تۈرمىنى قەتئىي تاقاش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن " : ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كاندىلىزا رايس ۋە مۇداپىئە مىنستىرى روبرت گېتس پرېزىدېنت جورج بۇشدىن گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يۆتكىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەگەر پرېزىدېنت بۇش تېز ھەرىكەت قىلىپ گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقىمىسا، بۇ تۈرمىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ياكى ئامېرىكىنىڭ كېلەركى پرېزىدېنتى تەرىپىدىن تاقىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر پرېزىدېنت بۇش تېز ھەرىكەت قىلىسا، ئۇ گۈئەنتانامودەك بىر مىراس قالدۇرۇپ كەتمەيدۇ. بولمىسا ئۇ كىلەچەكتە چەتئەل تېررور گۇماندارلىرى تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان ۋە سوراق قىلىنىدىغان دائىمىي بىر بازىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن پرېزىدېنت بولۇپ خاتىرىلىنىدۇ".

گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش، ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق

گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش، ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىنى، ئامېرىكىنى قارىلاش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان مۇھىم بىر قورالدىن مەھرۇم قالدۇرۇدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مۇلاھىزىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن " ئەلۋەتتە گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش بىلەن پۈتۈن مەسىلىلەر بىر تەرەپ بولۇپ كەتمەيدۇ.

گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش، بۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يۈزلىگەن مەھبۇسنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش ياكى ئامېرىكىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەش نۇرغۇنلىغان ھوقۇقى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. مەھبۇسلار ئادۋوكات تۇتۇش، ئامېرىكا سوتلىرىغا ئەزر سۇنۇش ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش بىلەن بىرلىكتە چەتئەللىك تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە سوراققا تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە يېڭى قانۇنلار چىقىش كېرەك".

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئۆتكەن يىلى چەتئەللىك تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى سوراققا تارتىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە بىر قانۇن چىقىرىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن مۇلاھىزىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ يەنىلا بۇ مەسىلىدە دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئورتاق بىر قارارغا كېلەلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىكى مۇلاھىزە

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن ": پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسى بىلەن كېلىشىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قاراتقان پوزىتىيىسىنى يۇمشىتىشى كېرەك."

"گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلايدىغان ئالاھىدە ھەربىي سوتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. بولۇپمۇ دۈشمەن جەڭچىسى دەپ بەلگىلەنگەن تېررور گۇماندارلىرىغا ئادالەتلىك سوتلىنىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. ئۇلارغا ئادۋوكات تۇتۇش ۋە سوتقا شاھىت چاقىرىش ۋە سوتتا ئۇلارغا قارشى سۇنۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارغا قارشى چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك."

"بۇنىڭغا قارشى پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن، ئۆزىگە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىق بەزى تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلىماي تۇتۇپ تۇرۇش سالاھىيىتى بېرىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ كېلەچەكتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتىلىرىغا تېررور گۇماندارلىرىنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرەلەيدۇ." (ئۆمەر قانات)