ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىئىسىنى ئۆزگەرتتى

0:00 / 0:00
CUBA-US-ATTACKS-ENDURING-23.jpg
بۇ رەسىم 2002-يىل 18-يانۋار كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئافغانىستاندىن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر گۇئانتاناموغا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. AFP

ئامېرىكا ئالىي سوتى يېقىندا، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي سوتنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇنداق سوت قۇرۇش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، مەزكۇر قارارىدا يەنە، گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ ئارىدا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى تونىي سىنو: "ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ يېقىندا پرېزىدېنت بۇشنىڭ گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرغان ھەربىي سوتى توغرىسىدا چىقارغان قارارى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى بىر سىياسەت بەلگىلىشىگە سەۋەب بولدى" دېدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى دېموكراتىك پارتىيە رەھبەرلىرى، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدە خۇنۇكلىشىشكە باشلىغان ئوبرازىنى قايتىدىن ئاقلىدى دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىقى قاراشلاردىن كېيىن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلارغا جەنۋە كېلىشىمى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، گۇەنتانامو ۋە باشقا ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلارنى ئۇرۇش ئەسىرلىرى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى ئۇقتۇرۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىدىن 5 ئى دۈشمەن كۈچلىرى ھېسابلانماي، ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما، مەزكۇر ھەربىي تۈرمىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ تەقدىرى، يەنىلا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم دەپ قاراۋاتقان نازۇك مەسىللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى.