جۇرج بۇش چەتئەللەردە يوشۇرۇن تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


2006.09.07
CUBA-US-ATTACKS-ENDURING-23.jpg
بۇ رەسىم 2002-يىل 18-يانۋار كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئافغانىستاندىن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر گۇئانتاناموغا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەللەردىكى يوشۇرۇن تۈرمىلىرىدىن گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنى ھەربىي سوتتا، سوتلاش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بىر قانۇن لايىھىسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكا ئالىي سوتى، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە ھەربىي سوتنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، پرېزىدېنتنىڭ بۇنداق سوت قۇرۇش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكرات پارتىيىسى ۋەكىللىرى شۇنداقلا بەزى نوپۇزلۇق جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش مەسىلىسىدە سۇنۇلغان قانۇن لايىھىسىگە قارشى چىقماقتا چۈنكى مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە سوتقا تارتىلىدىغان تېررور گۇماندارلىرىغا ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پاكىت‏-دەلىللەر كۆرسىتىلمەيدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، پرېزىدېنت بۇشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەللەردىكى يوشۇرۇن تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، مەزكۇر تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلغان خالد شەيخ مۇھەممەت، رەمزى بىن ئەلشېب ۋە ئەبۇ زۇبەيدە قاتارلىق ئەلقائىدە تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىشىنى، تۈرلۈك تەبىرلىمەكتە.

بەزى مۇتەخەسسىسىلەر، پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەللەردىكى يوشۇرۇن تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەلقائىدە ئەزالىرىنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن گۈئەنتانامو تۈرمىسىگە يۈتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلاش ۋە تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قانۇن لايىھىسى سۇنۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور گۇماندارلىرىنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياراتقان سەلبىي ئوبرازىنى ياخشىلاشنى ھەمدە ئامېرىكىدا نويابىر ئېيىدا دۆلەت مەجلىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام ھارپىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزى مۇتەخەسسىسىلەر بولسا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ 11‏- سىنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ پىلانلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ 14 ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرىنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەللەردىكى يوشۇرۇن تۈرمىلىرىدىن گۇەنتانامو تۈرمىسىگە يۈتكەپ كېلىش ئارقىلىق، گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەمما، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋۇكاتى نۇرى تۈركەل، خالد شەيخ مۇھەممەت قاتارلىق ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ 14 ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ كۆپ گۇەنتاناموغا تارتىپ، بۇ ھەربىي تۈرمىنى تاقاش توغرىسىدا مەۋجۇت بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، دەيدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.