
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى يەنە بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 201 نەپەر تۇتقۇن، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ يىل 19 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان 558 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىچىدىكى كىشىلەر ئەمەس. ئىسىملىكى يېڭى ئېلان قىلىنغان تۇتقۇنلار ئىلگىرى ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلەرنى ئاساس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلغان ياكى ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ سانى 758 گە كۆپەيگەن بولدى.
ئىسىملىكى 19 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلىنغان 558 نەپەر تۇتقۇن 2004 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە سوراققا تارتىلغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان.
تىزىملىكتە 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بار
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى برىيان ۋىتمان، "سانى 200 ئەتراپىدىكى بۇ كىشىلەر ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە سوراققا تارتىلمىغانلارنى ئاساس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللىگىيىسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەنلەر ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەر " دەپ كۆرسەتتى.
تىزىملىكتىكى 758 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىچىدە گۇەنتانامودىن ئالدىنقى ھەپتە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە بۇ دۆلەتتىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بەش نەپەر ئۇيغۇر شۇنداقلا ھازىرغىچە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن بىلەن بىللە،ئاز دېگەندە 2 نەپەر قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر ۋە بىر سەئۇدى تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر بار. ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭى 41 ياشتىكى ئەركىن ماخمۇد، ئەڭ كىچىكى 22 ياشتىكى ھاجى مۇھەممەت ئايۇپ. ھاجى مۇھەممەت ئايۇپ ئالبانىيىگە قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بىرى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنى "دۈشمەن جەڭچىلىرى" دېگەن سالاھىيەت بويىچە گۇەنتانامودىكى لاگىردا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتا.
17 نەپەر ئۇيغۇر دۈشمەن جەڭچىسى دەپ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي يېرىم شار ئىشلىرى بويىچە باياناتچىسى كوماندىر ج. د گوردوننىڭ ئەسكەرتىلىشىچە، گۇەنتانامودىكى قېپقالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر "دۈشمەن جەڭچىسى" سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە 3 - بىر دۆلەتكە قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.
كوماندىر گوردون مۇخبىرىمىزغا "بۇ يەردە قېپقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتى يېقىندا دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار بۇ كاتىگورىيىدىكى كىشىلەر ئەمەس. ئۇلار بۇ يەردە داۋاملىق دۈشمەن جەڭچىسى، دېگەن سالاھىيەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن كوماندىر گوردوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بۇ دېگەنلىك بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كەلمىگەن. ئۇ، " بىز ئىشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇنى كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ " دەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى ئۇلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئەرز سۇندى
نۆۋەتتە گۇەنتانامودىكى 9 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ دىلوسى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى ۋە ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ قايتا كۆرۈپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى 9 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئادۋوكاتى ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى "دۆشمەن جەڭچىسى" دەپ بېكىتكەنلىكىگە نارازى بولۇپ، فېدېرال سوت مەھكىمىسى ۋە ھەربىي سوت كوللىگىيىسىگە ئەرز سۇنغان.
ئامېرىكا قوشۇنلىرى 2001 - يىلى 10 - ئايدا ئافغانىستانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغاندا، ھازىر گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئافغانىستاننىڭ تورا بورا رايونىدىكى ئۇيغۇر ھەربىي تەلىم - تەربىيە لاگىرىدىن ئايرىلىپ پاكىستانغا بارغان ۋە شۇ جايدا پاكىستان دائىرىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. شۇ قېتىم ئامېرىكىغا تۇتۇپ بېرىلگەن 18 نەپەر ئۇيغۇر جەڭچىنىڭ 5 نەپىرى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىدى.
نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسى تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغاندىن كېيىن يېقىندا ئالبانىيىگە بېرىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بىلەن، "دۈشمەن جەڭچىسى" دەپ بېكىتىلگەن گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا كۆرىنىشى پۈتۈنلەي ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسلى ئامېرىكا فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ دىلوسىنى كۆرۈپ چىقماقچى ئىدى. لېكىن ئۇلار ئالبانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن سوتى بىكار قىلىندى.
يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن
نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىلوسى ئوساما بىن لادىنغا شوپۇرلۇق قىلغان سالىم ئەخمەد ھامداننىڭ دىلوسىغا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قانداق قارار بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گۇەنتانامودا قېپقالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ "دۈشمەن جەڭچىسى" دەپ بېكىتىلىشىدە ئۇلارنىڭ لاگىردىكى ئىپادىسى ۋە تەرجىمە خاتالىقى قاتارلىق ئامىللار رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 141 نەپەر تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)