گوللاندىيىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋىجدانلىق ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن ئاچچىق قىسمەتلىرىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن-مىللەتكە بولغان مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2012-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 6-فېۋرال، گوللاندىيە.
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 6-فېۋرال، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

ھەر يىلى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەش ۋە ئۇ كۈندە شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىش چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2012‏-يىلى 6‏-فېۋرال كۈنى دۈشەنبە گوللاندىيىنىڭ سىياسىي پايتەختى دەنھاختا 5-فېۋرالنى خاتىرىلەش نامايىشى پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1 دە گوللاندىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا باشلاندى. «گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتتە، گوللاندچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە باياناتلار ئوقۇلدى. تۈرلۈك شوئارلار توۋلاندى ۋە تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلدى. تۈرلۈك مەزمۇنلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، خىتايلارنىڭ زۇلۇملىرى ئەكس ئەتكەن رەسىملىك پلاكاتلار بىلەن مەيداننى ئايلاندى.

ghulja-weqesi-namayish-gollandiye2-385.jpg
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 6-فېۋرال، گوللاندىيە. RFA/Pidaiy

2 سائەتتىن ئارتۇق پائالىيەت قىلغان نامايىشچىلار ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق نىشان قىلىنغان ھەققانىي دەۋاسىغا نىسبەتەن ئىشەنچىنى ۋە ئىرادىلىرىنى ئىپادىلەپ، گوللاندىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدىن خىتاي كونسۇلخانىسىغىچە پىيادە يۈرۈش قىلدى. 5 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىگە سوزۇلغان بۇ يۈرۈشتە، يول بويى شوئارلار توۋلىنىپ، تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ باياناتلار ئوقۇلۇپ، شوئارلار توۋلاندى.

«گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلىشىدىكى بۇ پائالىيەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى بىلەن گوللاندىيىدىكى ئېلتىجاچىلارنىڭ پاناھلىنىش لاگېرىدىن كەلگەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركلەر بىلەن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان سۈرىيىلىك ئاكتىپلارمۇ قاتناشتى.

 بىر تۈرك قېرىنداش ئۆزىنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشىدىكى سەۋەبىنى ئاڭلاتتى.

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان سۈرىيىلىك ئەرەبلەرمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، زۇلۇمغا قارشى شوئارلارنى ياڭراتتى ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشقا كېلىشىدىكى سەۋەب-مەقسەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئەينى چاغدىكى 5-فېۋرال نامايىشىغا شاھىت بولغان بىر نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەت سېپىدىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت