بەزى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا سۇ ھەم توك مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر ھەل بولمىدى

0:00 / 0:00

زامانىمىزدا بەزى جايلاردا خەلقنىڭ ھازىرغا قەدەر جىن چىراق يېقىپ ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىلەر ؟ مۇخبىرىمىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق كېلىيەڭ يېزىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، بۇ يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆستەڭ سۈيىنى ئىچىپ، جىن چىراق يېقىپ، قىيىنچىلىق ھەم نامراتلىقتا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.