سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
2005.07.25

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلارنى باستۇرۇش ئەھۋالى بويىچە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا ئىلگىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى كونسولخانىسىدا خىزمەت قىلغان ۋە ھازىر ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن قاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.
سمىس: فالۇنگوڭچىلار خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىدىنمۇ كۆپ
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سمىس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشىنى ئەيىبلەپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلالىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قوغدىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى ھەتتا، ئېتىپ تاشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
"خىرىستىئان دىنىدىكىلەر، تىبەت بۇددا مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تىنچ يولدىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭچىلارغا قاراتقان ۋەھشى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ 6 يىللىقى، خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قوللانمىغان ۋاستىسى قالمىدى. لېكىن، ھازىر فالۇنگوڭنى مەشق قىلغۇچىلارنىڭ سانى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا ھەر قايسى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلارغا ئوخشاشلا، ئۆزلىرى كونترول قىلالمايدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. شۇڭا خىتاي فالۇنگوڭنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇشنى قارار قىلغان".
يىغىندا يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇروسىدىكى گرېچېن بىركېل خانىم ئىسپات بېرىپ، خىتايدا ھازىرغىچە 100 مىڭدىن ئوشۇق فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرگە قىلغانلىرى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق" دېدى.
چېن: ئامېرىكىدىكى خىتاي جاسۇسلىرى ئاۋسترالىيىدىكىدىنمۇ كۆپ
ئىسپات بېرىش يىغىندا سۆز قىلغان ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ھەر قايسى كونسولخانىلىرىدا سېستىمىلىق ھالدا فالونگوڭچىلارغا قارشى كۆرەش قىلىش گۇرۇپپىلىرىنى تەسىس قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سىدنىيدىكى خىتاي كونسولخانىسىدا ئىشلىگەن مەزگىلىدە مەخسۇس شۇ رايوندىكى فالونگوڭچىلارنى باستۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" مېنىڭ بىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ھەر قايسى فالونگوڭچىلارنىڭ پائالىيىتى بار دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق گۇرۇپپىلارنى قۇردى. خىتاي دىپلوماتلىرىدىن سىرت يەنە، باشقا خادىملارمۇ سېستىمىلىق ھالدا فالونگوڭغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. مەن بىلىمەن، ئاۋسترالىيىدە ھازىر فالونگوڭچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغان جاسۇس ۋە ئىشپىيۇنلاردىن 1000 ئى بار. ئامېرىكىدا بولسا بۇنىڭدىن كۆپ بولسا كۆپ لېكىن ئاز ئەمەس".
چېن: خىتاي كومپارتىيىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تېررورلۇق' ئورگىنى
چېن يوڭلىن يىغىندا يەنە، چەتئەللەردىكى فالونگوڭچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۈچلۈك نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ تېلېفونلاردا تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "تېررورلۇق" ئورگىنى دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي جامائىتى، ئوقۇغۇچى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ فالونگوڭچىلارنىڭ ياشاش بوشلۇقىغا بېسىم ئىشلىتىدىكەن. چېن يوڭلىن سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
" خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنى، فالونگوڭنىڭ چەتئەلدىكى بازىسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ چەتئەلدىكى خادىملىرى خىتاي كومپارتىيە تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم نىشانى دەپ قارىلىدۇ شۇنداقلا خىتاي دىپلوماتلىرى يەنە چوقۇم فالونگوڭغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە پۈتۈن كۈچىنىڭ بېرىچە فالونگوڭغا قارشى تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى تارقىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات، كۈتۈپخانا، مەكتەپ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي جامائىتىنىڭ خىتايچە چىقىدىغان كۆپ قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئورۇنلاردۇر. ئامېرىكىدىكى خىتاي جامائىتىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاۋسترالىيىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش".
ئامېرىكىدىكى فالونگوڭ ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە بولغان "شىنتاڭرېن" تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورىمۇ مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي جامائىتىنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئېلان-سەنئەت ۋە پۇل ئىئانە قىلىش يوللىرى بىلەن خىتاي تىلىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)