ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شۇنداقلا تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق سىياسىتىگە تارتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
بۇشنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدىكى پائالىيەتلەر
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى 2005 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان چەكلىك دىنىي پائالىيەت ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
11 - ئاينىڭ 9- كۈنى ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى باستۇرىۋاتقانلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىغا قاتناشقان نەنسى پەلۇسى ۋە فرانك ۋولف قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشتىن خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكىنىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن دوكلاتلاردىن باشقا يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق سىياسىتى ھەققىدە ۋاشنگتوندا بىرنەچچىلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش
11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن، خىتاينىڭ ئۆزگەرگەن بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئەنە شۇ يېغىنلارنىڭ بىرى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە باش تەھرىرى دان سەۋتەرلاند، جان ھاپكىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور فىرد سىتار ۋە جۇرج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جىمز مىلۋارد قاتارلىق ئاتاقلىق كىشىلەر گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن باستۇرىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى نەتىجە بەرمىدى
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، تۇنجى بولۇپ سۆز ئالغان جۇرج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جىمز مىلۋارد، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياستىنىڭ بىر نەچچە خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
"بىرىنچىدىن خىتاي رەھبەرلىرى بولۇپمۇ خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كونسىرىۋاتىپلار 1980 ـ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن نىسبىي ئەركىنلىك سىياسىتىنىڭ ناھايىتى جىددىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى بىر ئاز يۇمشاتسا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ ياخشى نەتىجە بەرمەيۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز "
سۆزىدە، بولۇپمۇ -11 سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاراتقان پوزىتىسيىسىدە چوڭ ئۈزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن جىمز مىلۋارد، بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيتتى. لېكىن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئەمما بۇ ھەرىكەتنى خەلقئارا ئىسلام تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا چېتىشلىق بىر ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى، دېدى.
ئۆ سۆزىدە، خىتاي سىرتىدىكى پۈتۈن سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە مۇتەخەسسسىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ھەرىكەتنى مەقسەتلىك ھالدا ئىسلامچى ۋە تېررورچى ھەرىكەتلەربىلەن چىتىشلىق دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ" دېدى. (قانات)