ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2005.12.15
rabiye-tom.jpg
27-ئاپرىل كۈنى رابىيە قادىر خانىم پارلامېنت ئەزاسى توم لەنتوس بىلەن. (ئوڭدىن: Mrs. Annette Lantos, Tom Lantos، رابىيە قادىر، سىدىق ھاجى، نۇري تۈركەل)

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ت كۇمار، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى لۇۋيسا خانىم ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى قاتناشتى.

رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

رابىيە قادىر خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن تام لەنتوس ۋە فرانك ۋۇلفنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەت مەجلىسى كىشلىك ھوقۇق گۇرۇپپسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا، تۇنجى بولۇپ سۆز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندىكى سۆزىدە ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە ئۇلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا زورلاش ئۈچۈن تۈرلۈك ھېلى - نەيرەڭ ھەمدە تەھدىت ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا خەلقىدىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھېچقانداق يەردە بولمىغان قىيناش ئۇسۇللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلىرىغا قارشى دۇنيانىڭ ھېچقانداق دۆلىتىدە كۆرۈلمىگەن ئىككى خىل قىيناش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق...... خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالا-چاقىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمدىن كېيىن سۆزگە چىققان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون شۆبىسى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ت كۇمار ئەپەندىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەتتا خىتاينىڭمۇ ھېچقانداق رايونىدا كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قاتتىق قول سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆزىدە، خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ت كۇمار ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا قارشى دۇنيانىڭ ھېچقانداق دۆلىتىدە ئىشلىتىلمىگەن قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلىرىغا قارشى دۇنيانىڭ ھېچقانداق دۆلىتىدە كۆرۈلمىگەن ئىككى خىل قىيناش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق. بىرىنچىسى، ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىغا ئات قىلىنى كىرگۈزۈپ قىيناش ئۇسۇلى، يەنە بىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئۇلارنىڭ ئەقلى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل خىمىيىۋى ماددا بېرىش. ئۈچىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن بېسىم ئىشلەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالا-چاقىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ".

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئېتىشنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ت كۇمار ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى،

"كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇجىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىككى ئىشنى قىلالايدۇ. بىرىنچىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇجىنتاۋدىن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك."

"ئىككىنچىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، پرېزىدېنت بۇشتىن خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن بۇرۇن، رابىيە قادىر خانىمنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بەرگەن ناھايىتى مۇھىم بىر سىگنالى بولىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قانچىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىشتا جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ "

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ

يىغىندا، ت كۇمار ئەپەندىدىن كېيىن سۆزگە چىققان ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى لۇۋىس خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.