
بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى فېلىس گېر خانىمنىڭ يېغىن ئېچىش سۆزى بىلەن باشلاندى. گېر خانىم سۆزىدە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى دىنىي ۋە مىللىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن 1998-يىلى قۇرۇلغان ئەمما دۆلەت مەجلىسىدىن مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىككى مۇھىم ۋەزىپىسى بار. بىرىنچى، دىنىي ئەركىنلىك، سۆزلەش ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش. ئىككىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىزچىل دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينى دۇنيادا دىنىي ۋە مىللىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى. دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ ۋە تەۋىسىيىلىرىگە ئاساسەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1999- يىلىدىن بېرى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكنى بۇغۇۋاتقان دۆلەت دەپ ئاتاپ كەلمەكتە".
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۈچ يىل داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاي، تىبەت ۋە شىنجاڭغا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشكە ماقۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن فېلىس گېر خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
"كومىتېت 2005- يىلى 8- ئايدا ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، شىنجاڭ ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا قارىماي خىتايدا ئىبادەت قىلغۇچىلار سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق ھەمدە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالوڭگوڭ تەرىقىتى ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي قانۇنلىرىنىڭ، بۆلگۈنچى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ ئاتالغان كاتوگورىيىگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى قوغدىمايدىغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق ".
يېغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالوڭگوڭ تەرىقىتى ۋەكىللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىنى جاۋابلاندۇردى.
يېغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 1990- يىللىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە دىنىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن جىنايەت دىلوسى تۇرغۇزۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
"كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىڭ يولدىشىمنىڭ مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن كۆپ مىنەتدارمەن ھەمدە كانادا دائىرىلىرىنىڭ يولدىشىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە رەھمەت ئېتىمەن. لېكىن يولدىشىمنىڭ ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مېنى قايغۇلاندۇرماقتا. مېنىڭ يولدىشىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزبېكىستاندىن تۇتۇپ كېتىلىشى ۋە گەرچە ئۆزى كانادا پۇقراسى بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە كانادا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بەرمىسە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىخەتەر ساياھەت قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە كانادالىق ۋە ئامېرىكىلىق خىتايلارنىڭ 2008- يىلىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قاتنىشىشى، بىخەتەر خىتايغا بېرىشى مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كانادا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىدىن، يولدىشىم ھۈسېئىيىن جېلىلنىڭ پۇقراسى بولغان كاناداغا ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن ".