خىتاي مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى يەنە ئىسپات ئېلىش ۋە بېرىش يىغىنى چاقىردى

0:00 / 0:00
xitay-q-ral---150.jpg
2006 – يىلى 30 ئۆكتەبىر كۈنى بىر كىشى جۇخەيدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا خىتايدا ياسالغان P12 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قارىماقتا. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر سۇنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشنى، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. AFP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي ھەققىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد لاۋلېس، مۇئاۋىن ياردەمچى ئېنېرگىيە مىنىستىرى دەيۋىد پامفرېيلار شۇنداقلا ئامېرىكا جون خوپكېنس ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بەردى.

ئامېرىكا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي قورال سىنىقىغا سەل قارىدى

بەزى كۈزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى راندى فوربېس، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بېن كاردىن، كارل لەۋىن، لىندسېي گراھام ۋە شېرود بروۋېنلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى، دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقەم ۋە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا جىددىي قاراۋاتقانلىقى ۋە بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقەمنى ئازايتىشقا قىستاۋاتقان شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇش ھۆكۈمىتى خىتايلارنىڭ سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىدى، دەپ نارازى بولۇۋاتقان بىر چاغدا چاقىرىلدى.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 11 - يانۋار كۈنى ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نېگىزلىك پىكىرلەرنىڭ بىرى، بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارتولوميۇۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي سىنىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، "يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرىدىمۇ، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىيىتى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى قانچىلىك چۈشىنىمىز، دەيدىغان سۇئاللار پەيدا قىلدى"، دەيدۇ.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ئامېرىكا سىياسىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسەتمەكتە

بارتولوميۇۋ، پىكىر ئەركىنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا "بولۇپمۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنېتنى تازىلاش ھەققىدىكى چاقىرىقى پىكىر ئەركىنلىكىگە زىت شۇنداقلا بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ؟" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقەملەر ۋە خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تىلغا ئالدى شۇنداقلا "خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ۋە تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئىزچىللىقى ئامېرىكا سىياسىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسەتمەكتە " دەپ ئەسكەرتتى.

بورتولوميۇۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2000 - يىلى خىتايغا سودىدا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش قانۇنى ماقۇللىغاندا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى 83 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2006 يىلدىكى سودا قىزىل رەقىمى 213 مىليارد دوللارغا بارغان. ئۇ، بۇ ئەھۋاللار ئامېرىكىنىڭ خىزمەت، ئىشلەپچقىرىش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە رىقابەت كۈچىنى كۈنسېرى ئاجىزلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارل لەۋىن، ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدا ئامېرىكا سودا قىزىل رەقىمىنىڭ بۇ قەدەر زور بولۇشىغا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىنى بىجا كەلتۈرمىگەنلىكى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "بىز خىتاينىڭ پۇلنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا توۋار سىياسىتى ئىمپورتىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىشىمىز كېرەك " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساختا ماشىنا زاپچاسلىرىنى ياساپ ساتقۇچىلار ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يىلدا 12 مىليارد دوللار زىيان سالماقتا شۇنداقلا ساختا ماشىنا زاپچاسلارنىڭ 75 % خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

كارل لەۋىن يەنە خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىرقىي تازىلاشنى توختىتىش توغرىسىدا سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "خىتاي قورال ياراقلارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ھەققىدە كۆپ سۆزلىسىمۇ، لېكىن يادرو قوراللار، خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەيدىغان بىر سېستىما قۇرۇشىنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ " دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. (ئەركىن)