Yahoo, Google لارنىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00
USHOUSE20060215-internet.jpg
ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ ئىنتەرنەت شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا. RFA/Heshan

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سمىس چارشەنبە كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، Yahoo، Google، Microsoft ۋە Cisco قاتارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا شىرىك بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، "بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشى، ئەمەلىيەتتە باستۇرمىچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېدى. ئۇ يەنە، بۇ شىركەتلەرنىڭ، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى كۆزىتىشىگە ياردەملەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى:

"Cisco شىركىتى خىتايغا ئىنتېرنېت مەزمۇنلىرىنى سۈزگۈچ تېخنىكىسىنى بېرىپ، خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ساقچى تورىنى ھاسىل قىلىشىغا ياردەملەشتى. بۇ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان قوراللارنىڭ بىرى. Cisco شىركىتى يەنە، خىتاي ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئالماشتۇرۇش ئەسۋابىغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىنتېرنېت ئەسلىھەلىرى بازىرىنىڭ 60% ىنى ئىگىلەيدۇ. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، Cisco نىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسى يىلىغا 500 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. لېكىن بۇ شىركەت سېتىپ بېرىۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ يامان تەسىرىنى ھېچقانچە ئويلاشمىدى".

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوسمۇ سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ سودا ۋە تېخنىكا جەھەتتە دۇنيا بويىچە ناھايىتى چوڭ نەتىجە ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تۇرۇغلۇق، ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا سەل قارىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بىر نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

توم لانتوس سۆزىدە يەنە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى:

"مېنىڭ بۈگۈن بۇ شىركەتلەرگە دەيدىغان سۆزۈم ناھايىتى ئاددىي. ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم، بۇ شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كېچىسى قانداقمۇ ئۇخلىيالايدىغاندۇ؟"

توم لانتوس سۆزىدە يەنە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇخىبىرى شىتاۋغا ئوخشاش بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

Yahoo: بىز چوقۇم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك

USHOUSE20060215_2-internet.jpg
15-فېۋرال كۈنى ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. RFA/Heshan

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان Yahoo شىركىتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى مايكېل كەلېخەن شىتاۋ ۋەقەسى ھەققىدە توختۇلۇپ، Yahoo شىركىتىنىڭ شىتاۋنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى:

" Yahoo شىركىتى سۆز ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى ئەيىبلەيدۇ. مەيلى ئۇ خىتايدا يۈز بەرسۇن ياكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىدا كۆرۈلسۇن. Yahoo شىركىتىنىڭ شىتاۋغا ئائىت مەلۇماتلارنى خىتايغا بېرىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، Yahoo شىركىتى خىتايدا تىجارەت قىلغاندىن كېيىن چوقۇم خىتاينىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر خىتايدىكى ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تامغىسى بولسا، بىز چوقۇم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. خۇددى بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقانغا ئوخشاش".

Google: ئورتاق بىر ئۆلچەم

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سمىس سۆزىدە تەنقىد قىلغان Google شىركىتىنىڭ ئالاقە ۋە ئاممىۋىي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئېلىيوت شرەگ مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئىنتېرنېتكە قارىتا سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ Google شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، لېكىن مەزكۇر شىركەت كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاساسلىقى خىتايدىكى تورغا چىققۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خىتاينىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئىنتېرنېتتىكى ماتېرىياللار سۈزگۈچ ئەسۋابىدىن ئۆتۈلسىمۇ، لېكىن تورغا چىققۇچىلار يەنىلا نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. ئېلىيوت شرەگ، ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق بىر ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

" ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجلىق. سىلەر بىزگە ياردەم قىلالايسىلەر. چۈنكى خەۋەرلەرنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىشىنىڭ ياكى كۆپ تەرەپلىلىك سۆھبەتلەرنىڭ مۇھىم تېمىسى قىلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكا ھەتتا خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ".

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ پرېزىدېنتى لىببىي ليۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خېلىدىن بېرى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ خىتاي بويىچە ناچار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)