ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

2007-09-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Shanghey-6-200.jpg
شاڭخەي گۇرۇھى پرېزىدېنتلىرى 2006 - يىلى 14 - ئىيۇن شاڭخەيدە ئېچىلغان يىغىندا. AFP PHOTO

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 19-سېنتەبىر كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرن نامىدىكى سارىيىدا " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت بولۇۋاتامدۇ ياكى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ھەمكارلىقىنى تەمىن ئېتىۋاتامدۇ؟ " دېگەن تېما ئاستىدا بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى.

مەزكۇر پائالىيەت دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى بېجىرىۋاتقان مەجلىس ئەزالىرىدىن توم لانتوس ئەپەندى ۋە فرانك ۋولف ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، يىغىن ئۇقتۇرۇشى مەزكۇر ئىككى ئەربابنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ ۋەكىلى ھانس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە دىرېكتورى ت .كۇمار، خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى جېنىفېر لېئونارد، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ خادىمى داننىئان مۇرپى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سېكرىتارى ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلار مەخسۇس تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە رولى، ئۇنىڭ خەلقئارا جەمىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ خەلقئارا جۇغراپىيىۋى سىياسەتتە، شۇنىڭدەك خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تۇتقان ئورنى، ھەر قايسى مەملىكەتلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئېغىر

يىغىندا سۆزلىگۈچىلەر بىردەك ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ ۋەكىلى داننىئان مۇرپى ئەپەندى سۆزىدە ، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ 2007-يىلى ، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالىق ھەم دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن تەكىتلەپ ئۆتتى.

داننىئان ئەپەندى ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، 2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، تاشكەنت دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە قارىماي، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

داننىئان ئەپەندى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ سىياسىي مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى بۇزغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىمۇ ئوخشاشلا سىياسىي مۇساپىرلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرغان مەملىكەت بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنى تۇتۇپ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ئەركىنلىك ئۆيى ۋەكىلىنىڭ خۇلاسىسىغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت پەيدا قىلماقتا.

رۇسىيە ۋە خىتاي مەزكۇر گۇرۇھتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ

خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى جېنىفېر لېئونارد بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا مۇنداق كرىزىس دەرىجىسىگە يېتىپ بېرىشتا ئۇنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى يېقىندىن قوللىشى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ نۇقتا بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سېكرىتارى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا، مەخسۇس تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكى ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يېقىندا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇ مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىراق، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش" نامى ئاستىدا ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ۋە ئۆكتىچىلەرنى جازالاش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھېچ قاچان رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ، ئەكسىچە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا بېسىم كۆرسىتىش كېرەك

خەلقئارا كەچۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە دىرېكتورى ت.كۇمار ئەپەندى سۆزىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتتىن كۆزلىگەن ئورتاق ھەم ئايرىم مەقسەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك تەلەپلىرىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بېسىم كۆرسىتىپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى ھەرىكىتىگە چەك قويۇشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئايرىم ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1996-يىلى شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتى دېگەن نام ئاستىدا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،، 2001-يىلى ئۆزبېكىستاننى كىرگۈزۈش بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆز ھەمكارلىق دائىرىسىنى ئەسلىدىكى چېگرا مەسىلىسىدىن بارا-بارا كېڭەيتىپ، ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، كۆزەتكۈچىلەر بۇ تەشكىلاتنى ئاسىيانىڭ "ناتو"سى ۋە ياكى يېڭى "ۋارشاۋا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى" دەپ تەرىپلىشىپ، رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئوز پىكىرلىرىدە بۇ نۇقتىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى ۋە مەنپەئەتلىرى بارلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ قۇرغان ھەمكارلىقلىرىنىڭ بەرىبىر پۇختا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشتى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا، ئەنە شۇ ئۆز ئالدىغا كۆزلەنگەن ، بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىك ئايرىم مەنپەئەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت