مەرھۇم ھاجى ياقۇپ ئانات ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى" نەشر قىلىندى


2005-01-07
Share
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى Resimni Chongayting

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان تارىخچى، مەرھۇم ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ "شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى" ناملىق كىتابى ئەنقەرەدە نەشردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ كىتاب رابىيە قادىر خانىمغا بېغىشلاپ چىقىرىلغان.

"شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك" ئىسىملىك بۇ كىتاب، ھاجى ياقۇپ ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىنكى، يەنى 1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە تۈركىيىدىكى ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا نەشر قىلىنغان ئىلمى ماقالىلىرىنىڭ توپلىمىدۇر

كىتابنى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى مۇتەخەسسىسى سۆنەر يالچىن ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە يوغان خەتلەر بىلەن "يېڭىلمەس ئىرادىگە ئىگە ئۇيغۇر ئانىسى رابىيە قادىرغا بېغىشلانغان" دەپ يېزىلغان.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان سونەر يالچىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت