قەشقەردە ھالاكەت كوچىسى


2007-08-23
Share

قەشقەردىكى "ھالاكەت" كوچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېلىپ چىققان، كوچىدىكى بىكارچى ئۇيغۇر ياشلىرى. RFA Photo

بىز سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەر ئاڭلىتىشىمىزدا قەشقەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسەن نۆۋەتتە قەشقەردە مەيخانا ، دېسكوخانا ، كېچىلىك بەزمىخانا دېگەنگە ئوخشاش ھاراق- شاراپ ساتىدىغان، كەيىپ- ساپا سورۇنلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ ، ھەتتا قەشقەردىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى جايلاشقان تۈمەن يولىغا قاتىرىسىغا چوڭ كىچىك خىتاي مەيخانا، كېچىلىك بەزمىخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلغانلىقى شۇڭا بۇ كوچىنىڭ ھازىر قەشقەردە ھالاكەت كوچىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ جايلارنىڭ خېرىدارلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

ئەندىشە ھەم نارازىلىق

ئالى مەكتەپ يېنىغا جايلاشقان بۇ ھالاكەت كوچىسىنىڭ كۈنلەپ كېڭىيىشى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر كەيىپ ساپا ئورۇنلارنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرىغا كۆپلەپ ئايلىنىشى، مەكتەپ ھەم ئاتا ئانىلاردا ئەندىشە ھەم نارازىلىق پەيدا قىلغان.

ھەمدە ئۇلار قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن مەزكۇر كوچىدىكى مەيخانىلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىكەن . نۆۋەتتە سىلەرنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ قەشقەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ھەم كىشىلەردىن مەيخانا كوچىسى ،ھالاكەت كوچىسىغا ئايلانغان مەزكۇر تۈمەن يولى ھەققىدە ئىگىلىگەن تەپسىلى مەلۇماتلىرىدىن خەۋەردار قىلماقچىمىز.

قەشقەردىكى بەزى ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ، قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى جايلاشقان تۈمەن يولىدا يېقىنقى ئۈچ تۆت يىلدىن بۇيان، كەينى كەينىدىن خىتايلارنىڭ باشقۇرىشىدىكى چوڭ كىچىك مەيخانىلار قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ ،بۇ مەيخانىلارغا ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپلەپ كىرىشىدىكەن. بۇ مەيخانا ھەم بەزمىخانىلار قىز ئوقۇغۇچىلاردىن كىرىش بېلىتى ئالماسلىق، گۇرۇپ بويىچە كىرسە باھادا مۇۋاپىق ئېتىۋار بېرىش دېگەندەك ھېلىلەرنى قوللىنىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ يېقىن بولغان پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسلىق خېرىدار قىلىۋالغان بۇ مەيخانا ھەم بەزمىخانىلارنىڭ بەزىلىرى ئاجايىپ غارايىپ غۇۋا چىراغلار بىلەن بېزەلگەن ۋە ئايرىم خانىلىرىمۇ بولۇپ كۆپىنچىسى كېچىچە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

"....ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىۋار بېرىمىز..."؟

بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ سورۇنلارنىڭ بەزىلىرىدە ئىپپەت نومۇسىنى سېتىشتەك ناشايان ئىشلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن. نۆۋەتتە ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپ رەھبەرلىرى قەشقەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە مەزكۇر مەيخانا كوچىسىنىڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان تەسىرلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە مەكتەپ ئەتراپىدىكى مەيخانا ۋە بەزمىخانىلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن .

مەيخانا كوچىسى ،"ھالاكەت كوچىسى" دەپ نام ئالغان مەزكۇر قەشقەر تۈمەن يولىدىكى خىتايلار ئاچقان كەيىپ -ساپا سورۇنلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرىشىدىمۇ ھەر خىل بەزمىخانىلار پەيدا بولىۋاتقان بولۇپ پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا يىراق بولمىغان جايدا ئېچىلغان مۇشۇنداق بەزمىخانىدىن بىرىگە تېلېفون ئۇلىدۇق.

مەكتەپ يېنىدىكى خەتەرلىك يول

بىز يەنە قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھالاكەت يوللىرىغا سۆرەۋاتقان مەيخانا كوچىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ پىكىر ئېلىپ كۆرۈشنى توغرا تاپتۇق تېلېفونىمىز مەلۇم ياتاق بىناسىدىكى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئۇلاندى.

بۇ مەكتەپتىكى يەنە بىر خىتاي قىز ئوقۇغۇچى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ يېنىدىكى تۈمەن يولىدا مەيخانىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ يولنىڭ ئامانلىقىنىڭمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقى شۇڭا ئۇ يولدىن مېڭىشتىن ئەيمىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قانۇندا مەكتەپ ئەتراپىغا مەيخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى قۇرۇش يول قويۇلمايدۇ

بىز تۈمەن يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋاغ مەھەللىسى ئاممىسىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇن ياۋاغ مەھەللە كومىتېتىنىڭ مەيخانا كوچىسىغا ئايلانغان تۈمەن يولىنىڭ ئەھۋالى ھەم ئامما ۋە پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكىرلىرىدىن خەۋىرى بارمۇ يوق ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

دېمەك، بۇ ھۆكۈمەت خادىمى ئېيتقىنى بويىچە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قانۇنىدا مەكتەپلەرنىڭ 500 مېتىر ئەتراپىغا مەيخانا بەزمىخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ماددىلار بار ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ مەيخانىلار قانۇنسىز قۇرۇلغانمۇ؟ بۇلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قايسى ئورۇن جاۋابكار؟ بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىمىزدا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن جاۋاب ئىزدەيلى. ( گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت