ئۇيغۇر ئېلىدە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت» بەرپا قىلىشنىڭ شەرتلىرى نېمە؟

ش ئۇ ئا ر لۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى 26-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ستاتىستىكا قىلىش، نازارەت قىلىش لايىھىسى» دە، 2011-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىسبىتى 67.3% كە يېتىپ، تۈرلۈك ساھەدە يۈكسىلىش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
RFA Photo

ئەمما چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەۋاتقان بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت 6 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقى، تۇرمۇش سۈپىتى، قانۇن-تۈزۈم، مەدەنىيەت-مائارىپ، بايلىق مەنبەسى ۋە مۇھىت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئېلىدە مانا مۇشۇ 6 تۈردە تەرەققىيات ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانى ئورۇنلانغان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئالدىنقى كۈنى خىتايدىكى سىنا تور بېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلات نەتىجىسىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىسبىتىنىڭ 67.3 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ نىسبەت بۇلتۇرقىدىن 4.9 پوئىنت ئاشقان بولۇپ، بۇ نىسبەت يىلىغا 2 پوئىنت بويىچە ئۆرلەپ ماڭغان. تۈرلەر بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش نىسبىتى 88.8 پىرسەنتكە، جەمئىيەت ئىناقلىقى 75.3 پىرسەنتكە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات 62.7 پىرسەنتكە يەتكەن.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇندىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئاچقان شىنجاڭنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا 2020-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭغا باشقا تۈرلۈك پىلانلارنى قوشۇپ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» دەيدىغان نىشاننى بەلگىلەپ چىققان ئىدى.

ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئائىت رەقەملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قويغان ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىمۇ ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ دېگەنلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان تەرەققىياتنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىدەك بىر پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنىڭ ئاشقانلىقىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلار خىتاي دەۋاتقان بۇ تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. تېخى يېقىندا مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياخشى ۋە يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى، ئەكسىچە ئېغىر ۋە تۆۋەن مائاشلىق ئىشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئىش بازىرىدىكى كەمسىتىشنىڭ ناھايىتى روشەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سىنا تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئىدارىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ نىڭ مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتى ۋە 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىۋاتقان ياردىمى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى، ئەگەر يىلىغا 5 پىرسەنت بىلەن ئۆرلەش سەۋىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان تەقدىردە 2020-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئىشسىز قالغان ياشلار كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان تەقدىردە مۇقىملىق بەرپا بولىدۇ، دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شامىلىنى قوزغىدى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنىڭ نوقۇل ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ھوقۇقلىرىنى بەرمىگۈچە مۇقىملىقنى بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دەۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

مېلبورن ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسەتلىرىنى ئوڭشىمىغۇچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈ خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت