ھامىد كارزاينىڭ ئافغانىستان پرېزىدېنتلىك ۋەزىپىسىنى قەسەم ئىچىپ تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى ئافغانىستاننىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىسى ۋە يەسلى بالىلىرىنىڭ ناخشىسى بىلەن سەيشەنبە كۈنى، پايتەخت كابۇلدىكى ئاۋالقى پادىشاھ سارىيىدا باشلاندى. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىنلىرىدىن 150 نەچچە كىشى بولۇپ جەمئىي 600 گە يېقىن مېھمان قاتناشتى.
تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان پرېزىدېنت
ھامىد كارزاي مۇراسىمدا ئوڭ قولىنى قۇرئانغا قويۇپ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئافغانىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قەسەم قىلدى. ھەمدە ئارقىدىنلا ئىككى نەپەر مۇئاۋىن پرېزىدېنتمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەسەم ئىچىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
بۇ ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم دىموكراتىك سايلام ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا تالىبان ھۆكۈمىتى گۇمران قىلىنىپ 3 يىلدىن كېيىن، دىموكراتىك ئۇسۇلدا خەلق سايلاپ چىققان پرېزىدېنتنىڭ رەسىمىي تەختكە چىقىشى، ئانالىزچىلار تەرىپىدىن ئافغانسىتاننىڭ دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە دەپ قارالماقتا.
تېررورچى كۈچلەر يەنىلا مەۋجۇت
ھامىد كارزاي ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش نۇتۇغىدا، ئافغانىستاندا تېررورچى تەشكىلاتلار، زەھەرلىك چېكىملىك ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ تېخى تەلتۆكۈس يوقۇتۇلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭدا خەلقئارانىڭ ياردىمىگە داۋاملىق ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۈر مۇراسىمغا يەنە، ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېينى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلد قاتناشتى. دىك چېينى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن بۇيان ئافغانىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇراسىمدىن كېيىن، ئافغانىستان پرېزىدېنتلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامىد كارزا بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ھامىد كارزاي سۆز قىلىپ، ئافغانىستاندا تېررورچىلىقنىڭ، ئاساسىي كۈچ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا تارمار قىلىنغانلىقىنى، ئەمما تېررورچى شەخىسلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ئىزدەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئافغانىستاننىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتە خەلقئارانىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تالىبان ھۆكۈمىتى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ھامىد كارزاينىڭ ئافغانىستان پرېزىدېنتلىكىكە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
دىك چېينى سۆزىدە، "پۈتۈن ئافغان خەلقى، ھۆرمەتكە سازاۋەر، دۇرۇس ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان بۇ كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭى دىموكراتىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى كېرەك" دېدى.
چېينى يەنە، ئافغانىستانلىقلارنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم كەلگۈسىگە، ئەركىنلىككە ۋە تىنچلىققا ئۈمىد بىلەن يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تورىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىك چېينى بىلەن دونالد رامىزفېلد مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئافغانىستاندىن ئايرىلدى. ھامىد كارزاينىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك بىخەتەرلىك چارىلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدىغان جاينى مەركەز قىلغان كابۇل شەھەر مەركىزىدىكى 4 كۋادىرات كىلومېتىر رايون پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان. شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى ھەر بىر كوچىلارنى چارلاپ پوستا تۇرغان.
تالىبانلار جىم تۇرمىدى
مۇراسىمدىن ئىلگىرى تالىبان پىدائىيلىرى، ئۇلارنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدىغان جايغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلغان ئىدى. گەرچە قوراللىق پىدائىيلار ئافغانىستاننىڭ پاكىستانغا يېقىن جايىدىكى چېگرا قوغداش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قەسەم بېرىش مۇراسىمى يەنىلا پىلاندىكىدەك ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. قوراللىق پىدائىيلار بىلەن ئافغان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 8 نەپەر قوراللىق پىدائىي ئۆلگەن ۋە ئافغان ئەسكەرلىرىدىن 4 ئى قازا تاپقان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، قوراللىق پىدائىيلار دۈشەنبە كۈنى كەچتە، كابۇلغا يېقىن جايغا بىر راكىتا قويۇپ بەرگەن. ئەمما ئۇ كابۇلنىڭ مەركىزىگە يىراقراق جايلاشقان باغرامى دىگەن جايدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانىغا چۈشكەن بولۇپ، ھېچقانداق زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. (پەرىدە)
