خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام يىمەكلىكلەر


2005.08.04

نۆۋەتتە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارمۇ بازارغا سېلىنىۋاتقان تەييار يىمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بازاردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، سۈپەت ئۆلچەملىرىگە ئېتىبار بەرگەندىن باشقا "مۇسۇلمانچە"، "ھالال" دېگەندەك بەلگىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. ئەمما، سىز بازاردىن سېتىۋېلىۋاتقان شۇنداقلا بالىلىرىڭىز ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىۋاتقان ئاشۇ رەڭگارەڭ، سەرخىل يىمەكلىكلەرنى ھەقىقىي ھالال يىمەكلىك دەپ قارامسىز ؟ بۇنىڭغا بەلكىم "مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام يىمەكلىكلەر" ناملىق ماقالىدىن بەلگىلىك جاۋابقا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.

ھارام يىمەكلىكلەر بازارغا تولدى

ماقالىنىڭ ئاپتورى، تيەنجىن شەھىرىدىكى نۇرۇنجى ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان. ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە يۈننەن قاتارلىق جايلاردا بازارغا سېلىنغان مۇسۇلمان يىمەكلىكلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەمەلىي ئەھۋاللىرىنى يەكۈنلەپ مەزكۇر ماقالىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنغان.

ئاپتور ماقالىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك يىمەكلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: "قادىر ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقىنى ھەمدە ئاللاھنىڭ نامى زىكرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى" دېيىلگەن. نۆۋەتتە " كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا "مۇسۇلمانچە" ياكى "ھالال" دېگەن خېتى بار بولسىلا بولدى دەيدىغان قاراش مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يىمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە. ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى ساقلاپ قىلىشىنىڭ بىر شەرتى ھالال، پاك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، تۈرلۈك يىمەكلىكلەر ھالال - ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى. ئۇنى ئايرىپ ئىستىمال قىلىش، مۇسۇلمانلار قاتتىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە" دەپ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش ئاساسىدا ئېرىشكەن پاكىتلىرىنى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنغان.

سۆڭەك يىلىمى يىمەكلىك ياشاشتا كەڭ ئىشلىتىلىدىكەن

ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى چوڭ مەسىلە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىۋاتقان يىمەكلىكلەرگە قوشۇلغان سۆڭەك يېلىمى مەسىلىسى بولۇپ، ئاپتورنىڭ بىر قانچە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، سۆڭەك يېلىمى (خىتايچە ئاتالغۇسى گۇجاۋ) ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ، كۆپىنچىسى چوشقىنىڭ سۆڭەك ھەم تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر خىل يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يېلىم بولۇپ، كەمپۈت، سېغىز، شاكىلات، سۈت پاراشوكى، سۈتلۈك ماروجنى، مۇراببا قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ياساشتا چوقۇم قوشۇلۇدىغان ئاساسلىق تەركىپ ئىكەن. سۆڭەك يېلىمىنىڭ سۈزۈلدۈرۈش، يېپىشتۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، تەننەرقى تۆۋەن بولغاچقا، خالتىلىق ناۋات، مېۋە قېتىشمىلىرى، كېسىلگەن تەييار چۆپ، پىنتوزا قاتارلىقلارغا مەلۇم نىسبەتتە قوشۇلۇدىغان بولغاچقا، ئۇ مەيلى قانچىلىك نىسبەتتە قوشۇلسۇن يۇقىرىقى ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون نوپوسنىڭ 95٪ ئى خىتاي بولغاچ، يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەر قايسى زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسىدىن تا ئىشچىلىرىغىچە ئاساسەن خىتايلار بولغاچقا، يىمەكلىكلەر سەھىيە ھەم تازىلىق ئۆلچىمىگە لايىق بولۇشىنىلا كۆزدە تۇتىدىكەن.

ئاپتور شۇڭا ئەسكەرتىپ، بىز يىمەكلىك ئېلانىدىكى ئۆسۈملۈك مېيى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مايلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەندى دېگەندەك سۆزلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدىن ياسالغان پىششىقلاپ ئىشلەش ماتېرىياللىرىنىڭ تەننەرقى سۆڭەك يېلىمىدىن 10 ھەسسە قىممەت بولغاچقا، خىتايدا ئادەتتىكى زاۋۇتلار ئۇنداق خام ئەشيانى ئىشلەتمەيدۇ دەيدۇ.

جياڭيونىڭ تەركىبىدە…

ئاپتور يەنە، ئۇيغۇرلارمۇ كۈندىلىك تاماقلىرىدا قورۇمىلارغا ئارىلاشتۇرىدىغان جاڭيۇنىڭ تەركىۋى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خۇنەندىكى ئاساسلىق جاڭيۇ ئىشلەپچىقىش زاۋۇتلىرىدىن ئىگە بولۇشىچە، جاڭيو ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ قاچىلىنىشقىچە تازىلىققا قەتئىي ئېتىبار بېرىلمەيدىكەن.

توڭگۇز مېيىنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىكەن

ئاپتور مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرغان يەنە بىر مەسىلە، چوشقا مېيىنىڭ يىمەكلىكلەردە كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىشى بولۇپ، ئاپتورنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان زاۋۇتلاردىن ئىگىلىشىچە، بارلىق زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىۋاتقان سۈت پاراشوكى، سۈنئىي قايماق، تورت مېيى ھەمدە ھەر خىل تېتىتقۇلارنىڭ ھەممىسىگە چوشقا مېيى ئىشلىتىلىدىكەن.

زاۋۇتتىكىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە يىمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى يۈزىگە چوشقا مېيىنى سۈركىۋەتسە يىمەكلىكنى يېڭى ھەم ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدىكەن، ئاسان ئېرىپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا ئۇ، يىمەكلىكتىن باشقا يەنە، لەۋ سۇرۇغ يۈز ماي دېگەندەك گىرىم بويۇملىرىغىمۇ كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ مەسىلە خىتايدىكى تۇڭگانلار ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، لەنجۇدا جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىرلىشىپ، بازاردىكى ھارام يىمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، تېخى ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا بۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغان. ئاتالمىش ھالال

ماقالىدا ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن يەنە بىر چوڭ مەسىلە، كالا، قوي، توخولارنىڭ بوغۇزلىنىش مەسىلىسى بولۇپ، خىتاينىڭ شەندۇڭ، خېنەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە تۇڭگانلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا ھايۋانلارنى شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالغان. ئاپتور زاۋۇتلارنى ھالال گۆش بىلەن تەمىنلەۋاتقان شەندوڭ لۇۋەنشۇئەن ناھىيىسىدىكى تۇڭگان يېزىسىنى تەكشۈرگەندە بۇ جايدىكى قاسساپلار گۆشنىڭ ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كالا، قويلارنى مېڭىسىگە بېگىز تىقىپ ياكى بۇرنىدىن سۇ كىرگۈزۈپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ھالال دېگەن بەلگىنى بېسىپ فېرمىدىن چىقىرىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدا مانا شۇنداق ئىسپاتلارنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق " جەمئىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارغا چاپلانغان " مۇسۇلمانچە" دېگەن خەتكە ھېچكىم قانائەتلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بۇنداق يىمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ، سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ، ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر مۆمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

نېمە ئۈچۈن؟

ئاپتور ئاخىرىدا " ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار، بىز چوڭ ئىككىلەملىك بالا- قازاغا دۇچ كەلدۇق، نېمىشقا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز سۇس؟ ئىمانىمىز زەئىپ؟ ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىترىتەلمەيدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن قەلبىمىز قېتىپ كەتتى؟ سەۋەب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمىزكى، ئەگەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مۇسۇلمان بولسىڭىز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسبەتەن يۈكسەك ھوشيار بولۇڭ، ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق، بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋىتەيلى، نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى، گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن! ئۇلارغا ساپ ئىمانىي مۇھىت، ئىمانىي داستىخان كېرەك! دەپ مۇسۇلمانلارنى ھارام يىمەكلىكلەردىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.

ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەن، ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز، يۇقىرىقى ماقالىنىڭ كۈندىلىك يىمەكلىك تاللىشىڭىزدا بىر كۆرسەتكۈچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاپتور ئېيتقاندەك سىزگە ئىمانىي مۇھىت ھەم ئىمانىي داستىخان تىلەيمىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.