ستېپھېن ھارپېر: ئىران دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت بولماقتا

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەيدىغان جازالاشلارغا توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن مەزكۇر دۆلەتنىڭ خورىكىنىڭ بارغانسېرى يوغىناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2012.01.13
Stephen-Harper-canadapm-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﻔﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
AFP Photo

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر پارىس قولتۇغىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ:

«ئىران دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىلللەندۈرمەكتە. مېنىڭچە، ئۇ دۇنيا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سالماقتا. ئۇ ھاكىمىيەت يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنىلا ئەمەس، بەلكى يادرو قورالىنى ئىشلىتىدىغانلىقىدىنمۇ بىشارەت بەرمەكتە» دېدى.

ستېپھېن ھارپېر ئىراننىڭ ئەگەر غەرب يېڭى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزسە،دۇنيا نېفىتىنىڭ بەشتەن بىرى ئۆتىدىغان موھىم ئىستراتېگيىلىك ئۆتكەل - ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ:

«ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش تەھدىتى ئىراننىڭ تەھدىتكار خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىدە،خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قاراتقان قاتتىق ئىقتىسادى جازالاش قارارلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىزچىل قارشى چىقىشى بىلەن سۇغا چىلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ:

«كانادا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ئىراننى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەن بۇ جازالاشنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خىتاي بىلەن رۇسىيىمۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تەھدىتنى كۆرۈپ يېتىپ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىغا ئورتاق بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئىران يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن غەرب دۆلەتلىرى ئىران يادرو ئېنىرگىيىسىنى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىمىز، دېگەننى باھانە قىلىپ، يادرو قورالى ياساشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پوپوزىسى ۋە ئۇران قۇيۇلدۇرۇش زاۋۇدىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلاشتى. نۆۋەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىرانغا قارىتا نېفىت ئىمبارگوسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىماقتا. ئامېرىكا بولسا ئىران بىلەن سودا قىلغان چەتئەل شىركەتلىرىنى ۋە ئىراننىڭ مەركەز بانكىسى بىلەن ھەرقانداق سودا ئالاقىسى قىلغان چەتئەل پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل قاتتىق بولۇپ كەلگەن، ئۇلار كۆپ قېتىم ئىراننى ئاگاھلاندۇردى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش ئىران ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. چۈنكى، ئىران دۇنيادىكى 3 - چوڭ نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ،سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە رۇسىيىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ئىراننىڭ مالىيە كىرىمى نېفىت ئېكسپورتىغا زور دەرىجىدە تايىنىدۇ. ئىرانغا قارىتىلغان جازالارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تۈس ئېلىشى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئەڭ موھىم سودا شېرىكى بولغان خىتاينى قىيىن ئەھۋالدا قويدى. خىتاي غەرب ئەللىرىگە قارشى ئاشكارا بايراق كۆتىرىپ چىقىشتىن ئۆزىنى تارتسىمۇ، لېكىن ئىراندىن ئىبارەت غەربكە قارشى كوزۇردىن ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ.

ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتى ۋە ئۇران قۇيۇلدۇرۇش زاۋۇدىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سەۋىر قاچىسىنى تولدۇردى. ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇشى يېقىنلىشىپ قالدىمۇ؟

ئېنېرگىيە گېئوئىستراتېگىيىچىسى ھېلىما كروفتنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ بۇ ھەركەتلىرى ئۆز كۈچىنى ئارتۇقچە كۆپتۈرۈپ كۆز - كۆز قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن تىركەشكۈدەك مادارى يوق.

ئىران بۇ قوپال ئويۇن ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىشنى نىيەت قىلماقتا. جازالاش ئاللىقاچان ئىران ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆرلىگەن نېفىت باھاسىدىن كىرىدىغان قوشۇمچە كىرىمگە ئېھتىياجى بار.

ئېنېرگىيە گېئوئىستراتېگىيىچىسى ھېلىما كروفت كانادا ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،نېفىت ئىمبارگوسىنىڭ ھارپىسىدا، ئىراننىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر داۋالغۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئىران پۇلى رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، قەدىناس دوستى بولغان خىتاينىڭمۇ ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنىڭ مىقدارىنى ئازايتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي موھىم سودا شېرىكى بولغان تېھرانغا مەدەت بېرىشنى داۋام قىلماقتا. يەنى ئۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانى ھەققىدىكى كونا مۇقامىنى تەكرارلىماقتا. چۈنكى، خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئىران موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئانگولادىن قالسا، خىتايغا ئەڭ كۆپ نېفىت ئېكىسپورت قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈزگۈزمەكچى بولغان يېڭى جازالاش تەدبىرلىرى خىتايغا خېلى ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.