0:00 / 0:00
ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋەتەندىن تېلېفون ئۇرغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنى ھەقسىز ھاشار ئەمگىكىگە ھەيدەۋاتقانلىقى، بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلارغا جەرىمانە قويۇپ، دېھقانلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۇرۇشىگە دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.
يېقىندا ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون ئۇرغان بىر دېھقان نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنى ھاشارغا ھەيدەۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىقنىڭ جىددى مەزگىلىگە ئۆز ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى تاشلاپ ھاشاغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس ق ئىلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ۋەتەنگە تېلېفون ئۇرۇپ، ھاشارغا ھەيدىلىۋاتقان دېھقانلاردىن ئەھۋال ئىگىلىدى.