قەشقەر يېزىلىرىدا ھاشار يەنە باشلاندى


2007.02.07

خىتاي ھۆكۈمىتى2004 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا مەخسۇس سىياسەت چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭدا دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بېجى، يەر بېجى قاتارلىق باج سېلىقلىرىنى 29. 76%كىچە كېمەيتىش بېكىتىلگەندىن سىرت، مۇھىمى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاشارنى -2005 يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەپسۇس، رادىئومىزدا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقاندەك ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھازىرغىچە بىزگە ھاشاردىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئۈستىدىكى تۈرلۈك سېلىق ھەم زۇلۇملارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

تېخى يېقىندىلا قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بىر دېھقان بىزگە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ھاشار ۋە باشقا ناھەق ئىشلارنىڭ دېھقانلارنى قاقشىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەمما دېھقانلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىدىغان، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھېچقانداق يەر يوقلۇقىنى ئىنكاس قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزا -ناھىيە كادىرلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلەش ھەمدە ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ يېزا ‏- كەنت كادىرلىرى بىلەن ئۆز ‏- ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاكتىپ رولچىلارغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىدى. مانا بۇ خىل سىياسەت نەتىجىسىدە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى رايونىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ‏- كەنتلەرنىڭ كادىرلىرىمۇ ئاساسەن خىتايلىشىپ بولغان بولۇپ، بىزگە دېھقانلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقان دېھقان يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ "يۇقىرىغا "پىكرىنى ئاڭلىتىدىغانغا تېخىمۇ ئىمكانسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

دۇنيادا باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھوقۇقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھاشارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەمدە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى قاتارلىق مەسىلىلەر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس ھەتتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق بۇنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا ھاشار ھازىرمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئېغىر ھالدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بۇ خىل مەجبۇرىي شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەك نۆۋەتتە پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا مەۋجۇت. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.