
قەشقەر ھۆكۈمەت تور بېتىدە -9 مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان "يەكەندىكى دېھقانلار بوز يەر ئېچىپ،ئورمان بىنا قىلىش دولقۇنىنى يۇقىرى كۆتۈردى" ناملىق خەۋەردە ، -3 ئاينىڭ -6 كۈنىدىن باشلاپ يەكەننىڭ 29 يېزا كەنتلىرىدىن بولۇپ 100مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ، ياقائېرىق كەنتىدە پىستە بادام بازىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئوپچە ئەمگەككە قاتننىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئوپچە ئەمگەك= ھاشا
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەكەندە 100مىڭ مو كېلىدىغان،خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ پىستە بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، 100مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر دېھقان نۆۋەتتە،ياقائېرىق يېزىسىنى پىستە بادام بازىسىغا ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان 8450 مو يېڭى بوز يەر ئېچىشتىن باشقا ، 68 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاش يول ياساش يەنە 68 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئورمان بەلۋېغى ياساش ھەمدە 2400 مېتىر ئۆستەڭ ۋە 50000 دىن ئارتۇق تارماق ئېرىق ئۆستەڭلەرنى چېپىش قاتارلىق ئەمگەك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىماقتا ئىكەن.
ئىلگىرى خەۋەر بېرىپ كەلگىنىمىزدەك، ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ قەشقەردە ھاشار ئەمگىكى يەنىلا مەۋجۇت، شۇ سەۋەبلىك بىز يەكەندە باشلانغان بۇ يۈز مىڭ كىشىلىك كەڭ كۆلەملىك ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى ھەمدە ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يەكەن يېزىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ھەمدە دېھقانلاردىن ئەھۋال ئىگىلىنىمىزدە، ياقائېرىق كەنتى تەۋەسىدىكى سايلىقتا يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرگەن بۇ كەڭ كۆلەملىك ئەمگەكنىڭ يەنىلا مەجبۇرىي ھاشا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كاتىپ گەرچە زىيارىتىمىزنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، يەنىلا بۇ ياقائېرىق كەنتىدىكى پىستە بادام بازىسىدا باشلانغان بوز يەر ئېچىشقا قاتنىشىۋاتقان دېھقانلارغا ھەق بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"بۇ ھاشاغا چىقىدىغان ئائىلە ئەمەس...."؟
ياقا ئېرىق يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر كادىرنىڭ ئۆيىگە ئۇلانغان تېلىفونىمىزنى ئالغان كادىرنىڭ ئايالى ، يولدىشىنىڭ ئەمگەك بولۇۋاتقان جايغا كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ، بۇ قېتىملىق ھاشا ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئېيتتى.
پىستە بادامدىن دېھقانغا پىستىچىلىك پايدا بارمۇ؟
بىز يەكەندە يۈز مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كەڭ كۆلەملىك ھاشاغا تۇتۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، دېھقانلاردىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق ، يەكەننىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقان كىشى ، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى ياقا ئېرىقنىڭ سايلىرىدا ھاشاغا ئىشلەشكە مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
يەكەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ ناھىيىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق ھەمدە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان 29 يېزىسى بار .خىتاينىڭ سىتاتىستىكىسى بۇيىچە ناھىيىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 667 مىڭدىن ئاشىدۇ.
بادام يەكەن ناھىيىسىنىڭ بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە يەرلىك مەھسۇلاتى . يەكەندىن يىلدا 700 توننىدىن كۆپ بادام چىقىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەننى -1998 يىلى خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ شۇنداقلا بىردىن - بىر بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. يەكەننىڭ تەبئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى تۇپراق ھەم سۇ تەركىبلىرى پىستە بادام ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ ماس كېلىدىغان ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغاچقا ، يەرلىك دائىرىلەر-2006 يىلى يەنە بۇ جايدا 100مىڭ مولۇق پىستە بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى بۇيىچە پىستە بادام بازىسى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پىستە بادام پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرى بۇيىچە سودىگەر چاقىرىدىكەن.
گەرچە ھۆكۈمەت بۇ تۈرگە 300مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە خىتاينىڭ پىستە بادام بازىسى قۇرۇش پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلار بىكارغا مەجبۇرىي ھاشاغا ئىشلىمەكتە. (گۈلچېھرە)