ھاشارچىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە ئېچىلىۋاتقان سايلىقنىڭ ئىگىسى كىم؟
2007.03.14
يەكەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ ناھىيىلىرىنىڭ بىرى،ناھىيىدە باغۋەنچىلىك بىلەن دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان 29 يېزىدىكى 667 مىڭدىن ئوشۇق نوپۇسنىڭ 90%تىن كۆپىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەشكىل قىلىدۇ.
پىلان ھۆكۈمەتتىن، قان تەر دېھقاندىن
قۇرۇق مېۋە تۈرىگە تەۋە بولغان بادام يەكەن ناھىيىسىنىڭ تارىخىي يەرلىك مەھسۇلاتى.بۇ جايدىن چىقىدىغان قەغەز بادام ھەمدە تاش بادام ئالاھىدە داڭلىق بولۇپ يىلىغا ھەتتا 700 توننىدىن كۆپ مېۋە بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەننى -1998 يىلى خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ شۇنداقلا بىردىن - بىر بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
گەرچە بادام ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۈملىدىن يەكەننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولسىمۇ، ئەمما پىستە بادام، قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى مېۋىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئاساسەن ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەننىڭ تەبئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتىنىڭ پىستە بادام تۈرلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇ يىل يەنە 100مىڭ مولۇق پىستە بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ئىكەن. گەرچە ھۆكۈمەت بۇ تۈرگە 300مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، مەلۇمات بەرگىنىمىزدەك قۇرۇلماقچى بولغان بۇ پىستە بادام بازىسىدا يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلار ھاشارغا ئىشلىمەكتە.
ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاۋاتقان كادىر
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان،يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەزكۇر پىستە بادام بازىسىغا سودىگەر چاقىرىشقا مەسئۇل كادىرى ليۇ شاۋشۇڭ باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگىلا ئىگە بولۇپ، ئۇ " يەتتە يىلدىن كېيىن مەزكۇر پىستە بادام بازىسىنىڭ ھەر بىر موسىدىن ئۈچ تۆت يۈز كىلوگرام پىستە بادام چىقسا، يۈز مىڭ مودىن قانچىلىك مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ مەن ھېساپلىيالمىدىم، مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن، ئۆزەڭ ھېسابلاپ باق" دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن دۇنيانىڭ پەستە بادام مەھسۇلاتى 400 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، ئەگەر يەكەندە قۇرۇلۇۋاتقان پىستە بادام بازىسى قۇرۇلۇپ بولسا، يەتتە يىلدىن كېيىن يىلىغا تەخمىنەن 40 مىڭ توننا ئەتراپىدا مېۋە بېرىدىكەن. دېمەك يەكەن بىر ناھىيىنىڭ ئۆزىدىن ئېلىنىدىغان پىستە بادام مەھسۇلاتى دۇنيا مەھسۇلاتىنىڭ 10 بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنداقتا،پىستە بادام بازىسىغا قان - تەر ئاققۇزۋاتقان دېھقانلارغىمۇ بۇنىڭدىن پايدا تېگەمدۇ؟ بۇ سوئالغا ليۇ كادىر نېمە دەيدۇ ؟ سوراپ كۆرەيلى :
- پىستە بادام بازىسى قۇرۇلۇشى قاچان باشلاندى؟ - 10 مىڭ مولۇق پىستە بادام بازىسى قۇرۇلۇشى ئىككى يىل بۇرۇن باشلانغان، ئاساسلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ مېۋە كۆچەتلىرىنى قويۇشقا باشلىدۇق. - كىم مەبلەغ سالدى؟ - شەخسى شىركەتلەر، ئاساسەن تەيۋەن شىركىتىنىڭ مەبلىغى، ھۆكۈمەتنىڭ پايدىلىق سىياسىتى ھەمدە دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلۇۋاتىدۇ. -100مىڭ دېھقان شۇ سەۋەبلىك بۇ بازىدا ئىشلەۋېتىپتۇ - دە؟ - ھە، توغرا، بۇ دېگەن ئاساسىي قىسمى، چۈنكى بىز بىلەن سەن مېۋە كۆچەتلىرىنى قانداق قويۇشنى بىلمىگەندىكىن دېھقان قىلىدۇ -دە ئۇ ئىشنى، شۇنداق چوڭ مەيدان ئەمەسمۇ ؟ - ئۇنداقتا دېھقانلار ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشەلەمدۇ؟ - ئەلۋەتتە ئېرىشىدۇ. ئۇلارغا ئەمگەك ھەققى بار،ئۇنىڭدىن باشقا مەھسۇلاتتىنمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ، مەزكۇر پىستە بادامدىن دېھقانلارمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشەلەمدۇ؟ - ئەلۋەتتە ئېرىشىدۇ، بۇ كېيىن دېھقانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. - ئۇنداقتا بۇ ھاشار ئەمەسمۇ؟ - ھاشار ئەمەس، ئۇلارغا ئەمگەك ھەققى بار، سەن زادى نېمىنى بىلمەكچى؟ - ھەر بىر دېھقانغا كۈنىگە قانچە پۇل ئەمگەك ھەققى بېرىسىلەر؟ - بۇنى بىلمەيمەن، ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولساڭ مۇشۇ يەرگە كەل.
"خىتاي كادىر : مېنىڭ نېمە كارىم"؟
تاقەتسىزلىك بىلەن تاشلىۋېتىلگەن تېلىفوندىن كېيىن بىز يەنە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
10 مىنۇتتىن كېيىن ئىشخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي كادىرى تېلېفوننى ئالدى.
- ياخشىمۇ سىز،مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىن. - ئەركىن ئاسىيا ؟مەن ئاڭلىمىغانىكەنمەن، نېمىنى سورىماقچى؟ -نۆۋەتتە يەكەننىڭ ياقا ئېرىق كەنتىدە 100مىڭ دېھقاننى ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەنسىلەر؟ ھازىرغىچە بۇ جايدا ھاشار مەۋجۇتمۇ؟ -يۈز مىڭ دېھقان،نەدىكى ئۇنداق جىق دېھقان، بۇنى بىلمەيمەن، سىلەر قانداق بىلدىڭلار ؟ قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا خەۋەر بەردىغۇ؟ ناھىيىدىكى شۇنچە چوڭ ئىشتىن خەۋىرىڭلار يوقم ۇ؟ - بىز بۇ ھەقتە سېنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز. بۇ ئەھۋالنى ياخشى بىلمەيمەن. -بىز پەقەت بۇ جايدا ئىشلەۋاتقان دېھقانلارغا ھەق بېرەمسىلەر؟ شۇنى سورىماقچىتىم. -مېنىڭ كارىم نېمە ؟بۇ ئىشقا مەن قىزىقمايمەن، بۇ ھەقتە ھېچنىمە بىلمەيمەن. - سىزنىڭ دېھقاننىڭ مەنپەئىتى بىلەن كارىڭىز يوقمۇ؟ زىيارىتىمىز يەنىلا تۇيۇقسىز ئۈزۈلدى.
"ئۇيغۇر دېھقانلار ئامالسىز" ئىكەن ئۇنداقتا كادىرلارچۇ؟
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەنى يەكەننىڭ يېزىلىرىدا ئاساسلىق كادىرلار خىتاي بولسىمۇ يەنىلا ئاز ساندىكى ئۇيغۇر كادىرلار مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ ھالىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىرىمۇ بار. ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا دېھقانلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيدىكەن. بۇنى بىز يەكەننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئايال كادىرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ھېس قىلدۇق.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇيىچە يەكەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىستە دادام بازىسى قۇرۇش قۇرۇلۇشى -6 مارتتىن باشلاندى. يەنى يۈز مىڭ دېھقان بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز قان - تەر ئاققۇزماقتا. بۇ ھاشار بۇ قېتىم يىگىرمە كۈن داۋام قىلماقچى، ئەمما يۈز مىڭ مولۇق بۇ بازىغا دېھقانلار يەنە بەش يىل قان - تەر سىڭدۈرۈشى كېرەك،يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىدىن مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھۆكۈمەت بۇ جايدا، سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىسى ھەمدە باشقا مېۋە مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇشنىمۇ پىلانلىماقتا ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ بازىلار كىمنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە قۇرۇلماقچى ؟ ئەمگەك مىۋىسىگە كىملەر ئىگە بولماقچى؟ دېھقانلار ھاشارردىن زادى قاچان قۇتۇلىدۇ؟ بۇ ماكاندىكى ئېچىلىۋاتقان سايلارغا، قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى تاۋار بازىلىرىغا دېھقاننىڭ قان - تەرى، مانا مۇشۇنداق جاۋابسىز سوئاللىرى ئۈن- تۈنسىز سىڭمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پىستە بادامدىن ھاشارچىغا پىستىچىلىك نەپ بارمۇ ؟
- ھاشار تۈگىمەيلا قالماي شەكلىمۇ كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار توختىماي داۋاملاشماقتا
- قەشقەر يېزىلىرىدا ھاشار يەنە باشلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇغۇچىلار پاختا تېرىش ئەمگىكىدىن توختىمىدى
- باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا پاختا تېرىشتىن قۇتۇلمىدى
- بىر دېھقاننىڭ دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)
- بىر دېھقاننىڭ دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)
- ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار تۈگىمەمدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە " ھاشار" ئەمگىكى داۋاملاشماقتا
- دېھقانلار نېمە كويدا، ئەمەلدارلار نېمە كويدا؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل 100 مىڭ ئوقۇغۇچى پاختا تېرىشكە چىقماقچى
- ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەرس باشلىنىپلا پاختا تېرىشكە ھەيدەلدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەنىلا ھاشار ئەمگىكىگە تۇتۇلماقتا
- ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار