ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانىسى- ھاۋا ئانىنىڭ قەبرىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا


2007.08.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يەھۇدىي، خرىستىيان ۋە ئىسلام دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا، ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ھاۋانىڭ شەيتانغا ئەگىشىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك جەننەتتىن چىقىرىلغانلىقى بىردەك سۆزلىنىدۇ. بەزى ساماۋى كىتابلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتىن چىقىرىلىپ، يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەندە، ھىندىستانغا چۈشكەن، ئايالى ھاۋا بىلەن ئەرەفات تېغىدا ئۇچراشقان ئىكەن. بەزى رىۋايەتلەر ھاۋانى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە چۈشكەن ۋە شۇ جايدا دەپنە قىلىنغان دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر جىددە (ئەسلى نامى جەددە) يەنى(چوڭ ئانا)دەپ ئاتالغان ئىكەن. جىددە شەھىرى قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان شەھەر بولۇپ، 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە . بۇ شەھەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىكەن. جىددە شەھىرى ئۇزۇن يىللىق تارىختىن بېرى پورت شەھىرى بولۇپ كەلمەكتە .

مىلادىيە 647- يىلى ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففاننىڭ زامانىدىن باشلاپ جىددە شەھىرى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدىغان ھاجىلارنى كۈتۈۋالىدىغان پورتقا ئايلانغان بولۇپ، شۇندىن بېرى شۇ خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھازىردا ھەج ياكى ئۆمرە ھەج ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پاراخوت ۋە ئايروپىلان بىلەن كەلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى، قۇرۇقلۇق بىلەن كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جىددە شەھىرىدە كۈتۈۋېلىنىپ، ئاندىن مەككىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. قايتقاندا يەنە جىددە شەھىرىدىن قايتىدۇ.

ئابدۇلھېمىت ھاجىمنىڭ ئېيتقانلىرى

جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پېشقەدەملىرىدىن ئابدۇلھېمىت ھاجىم ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانىسى ھاۋانىڭ قەبرىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:" جىددە شەھىرىنىڭ بەيئەت مەيدانى دېگەن جايدا قەدىمقى زامانلاردىن بېرى " ھاۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى" دەيدىغان مەشھۇر بىر قەبرىستانلىق بولۇپ، كىشىلەر ئۈزۈلمەستىن بۇ جاينى زىيارەت قىلىپ كەلمەكتە. بىر يىلى قەشقەردىن سەلىم ئاخۇن خەلپىتىم دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئابدۇل مەجىدخان مەخسۇم دېگەن كىشى ھەج قىلغىلى كېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە چۈشكەن ئىدى.

ئۇ كىشى ھاۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز قەبرىستانلىققا باردۇق ۋە شۇ قەبرىستانلىققا قارايدىغانلاردىن، قەبرىستانلىق ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان پېشقەدەملەردىن ھاۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى ھەققىدە سورىغان ئىدۇق. ئۇلار بىزگە جاۋاب بېرىپ: " ھاۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى مۇشۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىدە بار. ئەمما ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بولغانلىقى ئۈچۈن بىز شۇ قەبرىنىڭ قايسى قەبرە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز"، دېگەن ئىدى. مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەج ياكى ئۆمرە ھەج ئۈچۈن كەلگەنلەر بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە ھىندونىزىيىلەردىن كەلگەنلەر مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن بۇ قەبرىستانلىققا كېلىپ ، زىيارەت قىلىپ كېتىدۇ."

ھاۋا ئانىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلار كۆپ

ھاۋا ئانىنىڭ قەبرىسى بار جاي جىددە شەھىرىدىكى ئەڭ مەشھۇر قەبرىستانلىق بولۇپ، ھەمىشە ئادەم كۆپ، بېسىق بولىدىكەن. جىددە شەھىرىنىڭ بەزى چوڭ يوللىرىدا " ھاۋا ئانىنىڭ قەبرىستانلىقىغا بارىدىغان يول" دەپ قەبرىستانلىققا ئىشارەت قىلىپ قويۇلغان ئىشارەت تاختىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. قەبرىستانلىقنىڭ ئالدىغا چوڭ خەتلىك قىلىپ " ھاۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى" دېگەن يېشىل رەڭ بىلەن يېزىلغان ئەرەبچە خەت بۇ قەبرىستانلىققا كەلگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال كۆزىگە چېلىقىدۇ. قەبرىستانلىقنىڭ كىشىلەرگە ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈش بېرىدىغان مەخسۇس خادىملىرى بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە زىيارەتچىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.