ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ھەم سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى


2006.04.11

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋارايدىكى نورمالسىزلىقلار ئاپرىل ئېيى ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋا ئىللىپ تۇراقلاشقان ،چېچەكلەر ئېچىلغان باھار پەسلى. ئەمما -8ئاپرىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا كېلىماتىدا ئومۇميۈزلۈك تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ،باھار كۈنلىرى بىراقلا زىمىستان قىشقا ئايلاندى. بەزى جايلاردا قار ئاپەتلىرى يەنە بەزى جايلاردا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مېترولوگىيە ئىدارىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ئۈرۈمچى ، ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق شىمالىي رايونلاردا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جەنۇبى ئېتەكلىرىدىمۇ قار، يامغۇر يېغىپ، بۇ بىر نەچچە كۈندە ھاۋا كېلىماتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 11 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن.-10ئاپرىل ھەتتا ئاتۇشتىمۇ ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ھاۋارىينىڭ جىددى ئۆزگۈرىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرى

ھاۋارايى مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ،باھاردا يۈز بەرگەن بۇ تۇيۇقسىز ئۈششۈك چۈشۈش ، سىبىرىيىنىڭ سوغاق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدىن بولغان . ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايى تېمپېراتۇرىسى-9ئاپرىل قار يېغىش بىلەن تەڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەچكە ، نۇرغۇن كىشىلەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھاۋا ئۆزگىرىشىدىن زۇكام، يۆتەلگە ئوخشاش كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ، -10ئاپرىل كۈنى بىر كۈندىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىگە كەلگەن بىمارلار ئۈچ مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھاۋارايدىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ ئېلىپ بەلگەن زىيانلىرى

-9ئاپرىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمال ھەمدە جەنۇبى رايونلىرىدا يەنە قاتتىق قۇم‏- بوران ئاپىتى يۈز بەرگەن. قۇم‏- بوران ئاپىتى تۇرپان، توقسۇن رايونىدا ھەممىدىن ئېغىر بولغان بولۇپ ،-12 ئەتراپىدا چىققان .قاتتىق بوراندا توقسۇننىڭ بوستان يېزىسىدا بىر ئۆي ئۆرۈلۈپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بوراندا نەچچە مىڭلاپ يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى ھەمدە ئاپتوموبىللار توسۇلۇپ قالغان. نۇرغۇن ئاپتوموبىللارنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قۇم‏ - بوران ئاپىتى تۇرپان، توقسۇن رايونىدا 22يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ قاتتىق بوران ھېسابلىنىدىكەن. بوران چېچەكلەرنى، بەزى مېۋە غورىلىرىنى پۈتۈنلەي تۆكۈۋەتكەن، زىرائەتلەرنىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋەيران قىلغان ، گەرچە ھازىرچە بۇ ئاپەتنىڭ قانچىلىك زىيان كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما بوراننىڭ دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىككە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھاۋارايدىكى ئۆزگۈرىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا

بىز بۇ قۇم‏ - بوراننىڭ تۇرپان، توقسۇن دېھقانلىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرپاننىڭ مەلۇم باغۋەنچىلىك يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

بىز يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېترولوگىيە ئىدارىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن بۇ تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىشلىرىنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار بىزگە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى ھەمدە"ئاپەت ئۆتۈپ كەتتى"دەپ بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىدىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتقان بۇ پەۋقۇلئاددە غەيرى ھاۋا ئۆزگىرىشلىرى يەنە بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.