ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋارايىدىكى نورمالسىزلىق ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى


2006.04.13

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋارايى نورمالسىزلىقى

ئۇيغۇر ئېلىدە سىبىرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمى تۈپەيلى پەيدا بولغان بىنورمال ھاۋا كېلىماتى داۋام قىلماقتا.گەرچە يۇقىرى سۈرئەتلىك شىددەتلىك بوران ئاساسەن توختىغان بولسىمۇ، شىۋىرغانلىق قار، جۇدۇنلۇق ھاۋا تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربى ھەمدە جەنۇبىدا ھەمدە شىمالىدىكى بەزى جايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يەنىلا تۆۋەن بولغاچقا بۇنىڭدىن دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ھەمدە باغۋەنچىلىكتە ئېغىر زىيانلار كۆرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا بەزى جايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن 15 گرادۇسقا چۈشكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل باھار پەسلىدە بۇ دەرىجىدە قاتتىق جۇدۇن بولۇش ھالىتى 30 يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن.

ھاۋارايىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كىلىپ چىققان زىيان-زەھمەتلەر

-8ئاپرىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە سوغاق ھاۋا ئېقىم تۈپەيلىدىن كەڭ دائىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۈششۈك چۈشۈش ، ھەر قايسى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى . بولۇپمۇ ،قەشقەر ، خوتەن، تۇرپان ، ئاتۇش ۋە ئالتاي قاتارلىق ئورۇنلاردا بۇ تەبئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان ناھايىتى ئېغىر بولماقتا.

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى تاغلىق رايوندا بىر چارۋىچى دېھقان كىشى ئاپەت تەسىرىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى:

تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، -9ئاپرىلدىن -10 ئاپرىلغىچە داۋام قىلغان 12 باللىق قاتتىق قۇم‏ - بوراندا تۇرپان تەۋەسىدە 34مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك، 139مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. بىۋاستە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 12مىليون يۈەندىن ئاشقان. نۆۋەتتە بوران بىر قەدەر پەسەيگەن.

ھەرقايسى جايلاردىكى ئاپەت ئەھۋاللىرى

گەرچە ئالتاي، چۆچەك رايونلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىر قەدەر كېيىن بولىدىغان جايلار ھېسابلانسىمۇ . ئەمما ئاپرىل ئېيىدا 40 سانتېمېتىر قېلىنلىقتا قار يېغىش ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بۇ رايوندا سىبىرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن -9ئاپرىلغىچە سەككىز بال قار بوران چىققان ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى -15 گرادۇسقا چۈشكەن، تاغلىق رايونلاردا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولغان. تۇيۇقسىز ياققان قاردا چارۋىچىلار تاغدىكى چارۋىلارنى كۆچۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەچكە نۇرغۇن چارۋا ماللار قاردا قاپسىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. چۆچەكنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا ئۆلگەن چارۋىلار 800مىڭ تۇياققا يەتكەن. تەبىئىي شارائىت چەكلىمىسىدىن تاغلىق جايلارغا ياردەم ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغاندىن سىرت، قانچىلىك زىيان كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى ھەقىقىي مەلۇمات ئېلىشقا مۇمكىنچىلىك بولمايۋاتقان ئىكەن.

تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپەت ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر

ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئاپرىل كىرىشتىن بۇرۇنلا نۆلدىن يۇقىرى 26 گرادۇسقا چىقىپ، باھار پەسلىگە كىرىپ بولغان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بولۇپ ، 7، 8 بال ئەتراپىدىكى شامال بىلەن تەڭ كەلگەن قار ‏- يامغۇردا يېڭى مايسىلىغان بۇغداي، قوناق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كەڭ دائىرىدە توڭلىغان، ئېچىلغان مېۋە چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ، ئەمدى غورىلاشقا باشلىغان ئۆرۈك ، بادام قاتارلىق مېۋىلەر پۈتۈنلەي نابۇت قىلىنغان.

ئاتۇشتا ھەتتا مۆلدۈر زەربىسىگە ئۇچراپ 46 يېرىم مىڭ مو تېرىلغۇ يەردىكى كېۋەز ، سەي كۆكتات ھەمدە تاۋۇز- قوغۇن چۆنەكلىرى ۋەيران بولغان. پەقەت دېھقانچىلىقتا 750مىڭ يۈەن زىيان بولغان.ئۇنىڭدىن باشقا مېۋە ھەم مېۋە كۆچەتلىرى كەڭ دائىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ باغۋەنچىلىكتە كۆرۈلگەن زىياننى مۆلچەرلەش تەس ئىكەن.

مېۋە‏ - چىۋە ماكانى قەشقەردە بولسا بۇ يىل مېۋىلەردىن ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن. بولۇپمۇ يوپۇرغا، مارالبېشى، يەكەن، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيىلەردە شىۋىرغانلىق قار ‏- يامغۇر ھەمدە مۆلدۈر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت ، مېۋىلەرگە ئېغىر زىيان سالغان . ھازىرغىچە ئىگىلەنگەن ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، -13ئاپرىلغىچە جەمىي 167مىڭ موغا يېقىن ئۆرۈكلۈكتىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن. يەنە ئانار ، بادام، ياڭاق قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلات مېۋە دەرەخلىرىمۇ سۇندۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل بۇ مېۋىلەردىن 80 مىليون يۈەن ئەتراپىدا زىيان چىقىشى ئېنىق ئىكەن. قەشقەر تەۋەسىدە يەنە، كەڭ دائىرىدىكى مېۋە كۆچەتلىرى توڭلاپ قالغان بولۇپ ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان . سوغۇق ھاۋا يەنە داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا ئاپەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە زىيانلىرى يەنىلا ستاتىستىكا قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

نورمالسىزلىق يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن

شۇنىڭدەك خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەت يۈز بەرمەكتە. ئەمما بۇ قېتىملىق تەبىئىي ئاپەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانچىلىق ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە تېخى ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تەس. چۈنكى بۇ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى يەنە بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.