تۈركىيىدىكى ھايۋان سۆيەرلەر جەمئىيەتلىرى خىتاينىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى ئەلچىلىكلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
2007.02.14
تۈركىيەدىكى ھايۋان سۆيەرلەر جەمئىيەتلىرى خىتاينىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى ئەلچىلىكلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا تەبىئەت ۋە مۇھىتنى قوغداش ۋە ياشنىتىش جەمئىيىتى ، مېلىھا يىلماز ۋەخپى قاتارلىق 8 جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندىكى ھايۋان سۆيەرلەر ئاۋاز قوشتى. خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلۇسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا داڭلىق ناخشىچى لېمان سام ۋە سەرگەردان ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈسەن ئەرقۇش ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە مەتبۇئات باياننامىسى ئوقۇغان. ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىلىكى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تەبىئەتنى ۋە مۇھىتنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مېلىھا خانىم ئوقىدى. مەتبۇئات باياننامىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
"خىتاي بۈگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ بۈيۈك نوركى چاپان ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە پىششىقلايدىغان دۆلىتى. بۇ دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان نوركىلارنىڭ 30%كە يېقىنى ياۋايى ھايۋانلاردىن قالغىنى بولسا تېرە زاۋۇتلىرىنىڭ قەپەسلىرىدە تۇتۇلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا ھايۋانلارنىڭ ھەقلىرى توغرىسىدا ھېچبىر قانۇنى ماددا يوق. خىتايدا نوركى ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلگەن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا تۈلكە، راكۇن ئىتى، توشقان قاتارلىقلاردىن سىرت، مۈشۈك ۋە ئىتلارنىڭمۇ تېرىسىنى ئىشلىتىدىغان دۆلەت. خەلقئارالىق تېرە تىجارەتچىلىرى ۋە مودا لايىھىلىگۈچىلەر خىتايدىن تېرە ئېلىشنى تاللايدۇ. چۈنكى، ئەمگەك كۈچى ئەزان ۋە ھايۋانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھېچبىر قانۇن يوق. قىيناپ، تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىلىرى سويۇلىدىغان بۇ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئالماسلىق ئۈچۈن پەقەت تېرە چاپان ئالماسلىق يەتمەيدۇ. ئاچقۇچتىن تارتىپ ساپما كەشكىچە، ھايۋان ماگىزىنلىرىدا سېتىلىدىغان ئۇيۇنچۇقلارغىچە خىتاي مېلى ياكى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ نۇرغۇنىدا ئىت ۋە مۈشۈكلەرنىڭ تېرىلىرى قوللىنىلىدۇ. نوركى، مەيلى قانداق شارائىتتا ئىشلەپ چىقىرىلسا چىقىرىلسۇن بۇ بىر ۋەھشىلىكتۇر. ئەمما خىتاي دۆلىتى، ئەزان نوركى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بىر ۋەھشىلىككە كۆز يۇمماقتا. ئەزان ئەمگەك كۈچى ئۈچۈن ئىنسانلىققا ياراشمايدىغان شارائىتلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنسانلارغا ئوخشاش ھايۋانلارمۇ ۋەھشى كاپىتالىزىمنىڭ قۇربانى بولماقتا . بىز تەبىئەت ۋە مۇھىتنى قوغداش ياشىتىش جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مودا لاھىيىلىگۈچىلەرنى نوركى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە، تىجارەتچىلەرنى دۇكانلىرىدا نوركى چاپانلارنى ياكى نوركى ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى ساتماسلىققا، ئىستىمالچىلارنى بولسا نوركى بىلەن ياسالغان نەرسىلەرنى ئالماسلىققا، پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇ ۋەھشىيلىك ھەققىدە كىشىلەرنى مەلۇماتلاندۇرۇشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا نوركى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىۋاتقان ھايۋانلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىلىكنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال بىر قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى قاچان بۇ قانۇننى چىقارغۇچە نامايىشلىرىمىزغا ۋە تەنقىدلىرىمىزگە داۋام قىلىمىز".
مەتبۇئات باياننامىسى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بىز مېلىھا خانىمغا سۇئال سورىدۇق. ئۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلماستىن كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتىدۇ، ئىنسان ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغان بىر مىللەت ھايۋانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلارمۇ سىزچە، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
"بىز ئىنسان ۋە ھايۋان دەپ ئايرىمايمىز. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھاياتىدۇر. بۇ دۇنياغا يارىتىلغان پۈتۈن جانلىقلار بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بىز ھەممىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يەردە نامايىش قىلىپ تۇرۇپتىمىز".
قولىدا "خىتاينى بايقۇت قىلىمىز"، "2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمىسۇن"، "خىتايدىكى ھايۋانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن"، دېگەنگە ئوخشاش لوزۇنكىلار ۋە ئىتلىرىنى كۆتۈرۈشىۋالغان نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن نارازىلىق چاۋاكلىرى چالدى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە خىتاي ماللىرىنىڭ ئىشغالى پۈتۈن ساھەلەرگە يېيىلدى
- ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىشلەر كۈچەيمەكتە
- كانادا ساقچى دائىرلىرى خىتايلارنىڭ ساختا پلاستىنكا سودىسىغا زەربە بەردى
- خىتاي ماللىرىغا يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلدى
- خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن سودا قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى