ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
2006.02.13
2-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نامايىش خىتايلارنىڭ ھايۋانلارنى خالىغانچە ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېرىسىدىن ھەر خىل بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.
تۈركىيە ھايۋانلارنى قوغداش جەمىيىتى باشلىقى ئاخمەت شەنپولاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئاۋسترالىيىدىن ئامېرىكىغىچە بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بىردەك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نامايىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدە خىتاي ماللىرىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى يەنە بىر قېتىم باشلاندى.
تۈركىيە ھايۋانلارنى قوغداش جەمىيىتى باشلىقى ئاخمەت شەنپولاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئەنقەرە سودا بىرلىكىگە ئوخشاش چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىكەن.