جامائات ئەربابى، تارىخچى ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجى ئالەمدىن ئوتتى

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجى 28-ماي كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ يېقىنلىرىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجىنىڭ نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان.

ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجىنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى ۋە مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقادىر ئەمەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.