روزى ئايلىرى ئاخىرلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتىنىڭ يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەجگە بېرىشى گەرچە خىتاينىڭ سان ۋە سىياسىي جەھەتتىكى چەكلىمىلىرىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا باشقا ئاماللار ئارقىلىق ھەجگە بېرىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.
خىتاينىڭ كۈچلۈك چەكلىمىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمگە بېرىش ئارزۇسى پەقەت پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق 3 - دۆلەت ئەللىرى ئارقىلىق مېڭىشقا باغلاندى. گەرچە ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستان ئارقىلىق ھەجگە مېڭىشى بىر قەدەر ئاسان بولغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا پاكىستاندىكى بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا يەتكۈزگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستاندىكى سەئۇدىي ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى بۇ يىل ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىنى چېكىڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەجگە بېرىش يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە نارازىلىقلىرى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە
- خىتاي دىنىي زاتلارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى چەكلىمەكتە
- كانادادىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىدا بىر – بىرىگە مېھرى مۇھەببەت كۆرسەتمەكتە
- غالجاپ يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى