ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرىنچى تۈركۈم ھەج ئۆمىكى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلدى
بىز ئىلگىرىكى ئاڭلىتىشىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 1500 كىشىلىك ھەج ئۆمىكىنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.
گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى تەمىنلىگەن بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۈر ھەج ئۆمىكى يولغا چىقىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋالقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا بارلىق ئەزالارنى ئۈرۈمچى يەر شارى مېھمانخانىسىغا يىغىپ، ئۇلارغا سىياسىي تەربىيە ئۈگىنىشى ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا ھۆكۈمەت يەنە ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەزگىلىدە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قۇرماسلىقى ۋە ئۇلارغا ئائىت ماتىرىياللارنى خىتايغا ئېلىپ كەلمەسلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، رۇخسەت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەزالارنىڭ يالغۇز پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر بىرىنى نازارەت قىلىپ، غەيرى ھەرىكەت سېزىلگەن ھامان دەرھال پاش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.
مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەج ئۆمىكى، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى
- ھەجگە بېرىش يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە نارازىلىقلىرى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستان ئارقىلىق ھەجگە مېڭىشى قىيىنلاشماقتا
- خىتاي دىنىي زاتلارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى چەكلىمەكتە
- كانادادىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىدا بىر – بىرىگە مېھرى مۇھەببەت كۆرسەتمەكتە
- غالجاپ يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى