سەئۇدى ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەردى

0:00 / 0:00

بىز بۇرۇنقى پروگراممىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىدىن پاكىستانغا كەلگەن مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر قىينىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەج-تاۋاپ قىلىشقا بولغان كۈچلۈك ئەقىدىسى ۋە پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سەئۇدى ئەلچىخانىسى ئاخىرى بۇ 1200 نەپەر ئۇيغۇرغا ۋىزا بەردى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ پاكىستاندىكى بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن ئىشلىگەن پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.