
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ھېيت ئايلىرى يېقىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پائالىيتىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە.
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي، دىنىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىشىنى چەكلەيدىغان 4 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى تارقاتقان.
بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرىنچىسى، دىنىي ئىشلار ئورۇنلىرى مۇسۇلمان ئاممىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۇلارغا ئوبدان تونۇشتۇرۇش. بۇنىڭدا ھەتتا خەلقلەرنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىگە دائىر فىلىملەرنى كۆرۈشىنى توساشمۇ بەلگىلەنگەن. ئىككىنچىسى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭايتىش. ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىيالمىغان، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان رايونلاردىكى ئىدارىلەرنى ئېغىر جازالاش. ئۈچىنچىسى، شەخسىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش پائالىيىتىگە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. بۇ خىزمەتنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، دىنىي ئىشلار ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىش. بۇ تۈردە يەنە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ ھەج پائالىيىتىگە قول تىقىشىدىن ھۇشيار تۇرۇش ۋە 3 خىل كۈچلەرنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ئاخىرقى تۆتىنچى تۈر بولسا، ھەر قايسى دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرى ھەجگە ماڭىدىغان كىشىلەرگە، چوقۇم دۆلىتىگە قايتىپ كېلىش توغرىسىدا كاپالەتنامە يازدۇرۇش.
بۇ بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارغانلارنىڭ ئارىسىدا دىنىي ئەرباپلار بولسا، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلايدىكەن، ئەگەر ئادەتتىكى پۇقرا بولسا، ئۇلارنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
خوتەندىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ چىڭ
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش پائالىيىتىنى چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت يولىدا ھەج قىلىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتكەچكە، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلغۇسى كەلگەن مۇسۇلمانلار يەنىلا باشقا يوللار ئارقىلىق ھەج قىلىش يولىنى ئىزدەپ كەلدى. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر رادىئومىزغىمۇ بۇ ھەقتە تېلېفونلارنى قىلىپ، شەخسىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەتتا ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ھەجگە چىقماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى يېرىم يولدىن قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم بۇ ھەقتە بىزگە ئازراق مەلۇمات بەردى. بۇ خانىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى ھۆكۈمەت بەرگەن سانغا كىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاخىرى ئۆزى ئالدىغا تايلاند ۋە پاكىستانلار ئارقىلىق نۇرغۇن چىقىم ۋە جاپالار بىلەن ھەجگە بېرىپ كەلگەن. ئۇ بىزگە يەنە، خوتەندىكى بۇ خىل كونتروللۇقنىڭ باشقا رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالغانلىكى كىشىنىڭ ھەجگە چىقىشى چەكلىنىدۇ
بۇ خانىمدىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا مائاش ئېلىپ ئىشلىگەنلىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويمايدىكەن ، ھەتتا شۇ كىشى پىنسىيىگە چىققان تەقدىردىمۇ يەنىلا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇنداقلا بۇ خەۋەرنى، كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر خادىممۇ ئېتىراپ قىلدى. ئۇ بىزگە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەجگە چىققۇچىلارغا ياش چەكلىمىسى قويۇدىغانلىقىنى، باشقا جەھەتتىكى ئۆلچەمگە توشۇپ، يېشى توشمىغانلارنى يەنىلا چىققۇزمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خادىم بىزگە يەنە، خوتەندە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرنى قۇرۇشقا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر كۆپرەك كۆرۈلگەچكە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندىكى كونتروللۇقىنىڭ يېقىندىن بۇيان بىر ئاز چىڭىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىكى كىشىلەر پەقەت ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنلاردىلا دۇئا- تىلاۋەت قىلالايدىكەن، ئۆز- ئارا توپلىشىپ ئۆز ئالدىغا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىشى قەتئىي چەكلىنىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسى
بۇ خادىم سۆزىدە يەنە، بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەج پائالىيىتىگە تۇتقان سىياسىتىگە نارازى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە بۇنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسىغا خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان دىنىي سىياسىتىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ ھەر يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيىتىگە تۇتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. (پەرىدە)