ھەج قىلىش ئۈچۈن پۇل خەجلەپ پاسپورت ئىشلىتىپ، نۇرغۇن جەۋر – جاپالار بىلەن دۇبەيگە چىقىپ ھەج ۋىزىسى ئالالماي، بېيجىڭگە قايتىپ پاكىستان ۋىزىسى بىلەن پاكىستانغا چىققان ۋە شۇ يەردە ھەج ۋىزىسى ئېلىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقان بىر ھەجدار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جاپالىق سەپىرى ھەققىدە توختالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرمەكتە. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىنتايىن تەسلىكتە قولىغا پاسپورت ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان ھەج ئۆمەكلىرىگە كىرەلمىگەن. ئەمما ئۇلار ھەج قىلىش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پاكىستان ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق ھەجگە بېرىش ئۈچۈن جاپا تارتىپ يۈرمەكتە .
بۇ پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ، ئىككى ئايدىن بېرى پاكىستان ۋە دۇبەيدە ھەج ۋىزىسىنى كۈتۈپ ياتقان بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.