ئايالى بىلەن بىرگە ئۆمرى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ماڭغان ۋە پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنى 6 مىڭ دوللار پۇلىنى ئىككى بۇلاڭچىغا تارتقۇزۇپ قويغان ئۇيغۇر بوۋاي ھەسەنجان ئىسمايىل سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
پۇلسىز قالغان بوۋاي بۇلاڭچىلارنىڭ بىرىنى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە تۇتۇۋېلىپ ساقچىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن پۇلىنى قايتۇرۇۋالالمىغان. چۈنكى بۇلاڭچىلارنىڭ يەنە بىرى پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى. راۋالپىندىكى ساقچىلار، مۇخبىرىمىزغا تۇتۇلۇپ قالغان بۇلاڭچى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن قېچىپ كەتكەن كىشىنى تېپىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىمىز، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن راۋالپىندىكى ئۇيغۇرلار پاكىستان ساقچىلىرىنى سۆرەلمىلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ھەج يولىدىكى پېشكەللىك
بۇنىڭدىن 3 كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي شەھىرىدىن راۋالپىندىغا كەلگەن 81 ياشلاردىكى ھەسەنجان بوۋاي خانىمى پاتىگۈل ئىبراھىم بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، مۇقەددەس زېمىننى تاۋاپ قىلماقچى ۋە ھەج ئىبادىتىنى بىجا كەلتۈرمەكچى بولۇپ يولغا چىققان. راۋالپىندىنىڭ راجا بازار رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ بەختسىزلىك بوۋايغا شۇنچىلىك ئېغىر كەلگەنكى، ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋېتىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.
پاكىستان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىش ۋە كېلىش سەپىرىدە چۈشۈپ ئۆتۈدىغان مۇھىم بېكىتى. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان جەمئىيىتىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە قارشى ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ھەجگە بېرىش ۋە كېلىش سەپىرىدىكى ئۇيغۇر ھاجىلار ئۈچۈن خاتىرجەمسىز ئامىلى بولۇپ قالغان.
ھەسەنجان بوۋاينىڭ ئەسكەرتىشىچە، 4 كۈننىڭ ئالدىدا پاكىستانغا كەلگەن بوۋاينىڭ بېشىغا كەلگەنلەر، دۈشەنبە كۈنى ئۇنىڭ بىر سەپەردىشى بىلەن بىرگە تېلېفون قىلماقچى بولۇپ تالاغا چىققاندا يۈز بەردى. ھەسەنجان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراسى بۇلاڭچىلارنىڭ بىرىنى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تۇتۇۋالغان ۋە شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلاڭچىلارنىڭ يەنە بىرى قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى. ھەسەنجان بوۋاينىڭ ئەسكەرتىشىچە، قېچىپ كەتكەن بۇلاڭچى بوۋاينىڭ كالتە ئىشتىنىغا چىگىۋالغان 6 مىڭ دوللار پۇلىنى ئېلىپ قاچقان.
پاكىستان ساقچىلىرى: جىنايەتچى قولغا چۈشۈشكە ئاز قالدى
راۋالپىندىنىڭ راجا بازىرى رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا دىلونىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەمەلدارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار پۇلنى ئېلىپ قاچقان كىشىنى قولغا چۈشۈرۈشكە تىرىشماقتىكەن. ساقچىلارنىڭ قاچقۇنغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ ئەمەلدار، بۇلاڭچى پاكىستاننىڭ كۇئاتا شەھىرىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قولغا چۈشۈشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، " بىز ئادەمنى تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ بىرى قولىمىزدا، لېكىن ئۇلارنىڭ يەنە بىرىگە يېقىنلىشىۋاتىمىز، بۇ ئادەمنىڭ كۇئاتادا ئولتۇرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇنى ئالدىمىزدىكى 2 - 3 كۈن ئىچىدە قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز بار" دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۇلنى ئېلىپ قاچقان كىشى قولغا چۈشكەندىن كېيىن بوۋاينىڭ پۇلى مەلۇم بولىدىكەن. ساقچى "ئىككىنچى كىشى كۇئاتادا ئولتۇرىدۇ. بىز پەنجاپتا تۇرىمىز. كۇئاستا پەنجاپتىن يىراق يەردە، لېكىن شۇنداقتىمۇ بىز ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز" دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر دىلونى كۇئاتادىكى ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان. لېكىن دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلار پاكىستان ساقچىلىرىنى ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ئۇيغۇر مۇھاجىر: پاكىستان ساقچىلىرىنى بۇلاڭچىغا "مىھمانغا" ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى
پاكىستاندا ياشايدىغان ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرى پاكىستان ساقچىلىرىنى بۇلاڭچىغا "مىھمانغا" ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى، دەپ نارازى بولدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەسەنجان بوۋاينىڭ پۇلىنى بۇلاش ۋەقەسى پاكىستاندا يۈز بەرگەن تۇنجى ۋەقە ئەمەس. بۇ خىل ۋەقەلەر بۇرۇن كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. ئۇلار ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنى پاكىستاندىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىمىغان.
پاكىستاندا ياشايدىغان يۇقىرىقى ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇرۇن بۇ خىل ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەلچىخانا بۇ كىشىلەرگە پەرۋا قىلىپ قويمىغانلىقتىن، بۇ ۋەقەنى جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراشنىڭ پايدىسى يوق، دەپ قارىغان.
پاكىستان جۇڭگونىڭ قورال - ياراق، يادرو تېخنىكا جەھەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى. پاكىستان بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايدىغان دۆلەت.
پاكىستان دائىرىلىرى يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى مۇھەممەد توختى، ئىسمايىل قارى قاتارلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ھۈسەنجان بوۋاينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ يېنىدا پۇل قالمىغانلىقتىن يا يۇرتىغا قايتىشنى ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشنى بىلەلمەي قالغان. (ئەركىن)