0:00 / 0:00
پاكىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار، پاكىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەج ۋىزىسىنى ئېلىش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلگەن ھاجى نامزاتلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلمەكتە.
بىز ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئابدۇقەييۇم ھاجىمدىن مەلۇمات ئىگىلەپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن بىز يەنە، ئابدۇقەييۇم ھاجىمدىن ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ۋىزا مەسىلىسى، تۇرالغۇ ۋە يىمەك - ئىچمەك جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق، سۆھبەت داۋامىدا ۋەتەندىن ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلىشقا يول ئالغان بىر ئۇيغۇر ياش بىلەنمۇ سۆزلەشتۇق.