بىز ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەج سانىنى قاتتىق كونترول قىلىشى تۈپەيلى ھەج قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلگەن 300 گە يېقىن ئۇيغۇر ھاجى كاندىداتلىرىنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ۋىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئەمما ئوخشاش سالاھىيەتكە ئىگە خىتاي پۇقرالىرىدىن بولغان 57 نەپەر تۇنگاننىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەنلىكىدىن سىلەرنى خەۋەرلەندۈرگەن ئىدۇق. شۇ قېتىملىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھاجى كاندىداتلىرى ۋىزىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ۋىزا ھەل بولغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن بىز ھاجى كاندىداتلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان پاكىستاندىكى ئابدۇقەييۇم ئەپەندىدىن ھەج ۋىزىسىنىڭ ھەل بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئىگىلىگەن يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىتىمىز.