ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە كەلگەن مۇسۇلمانلار پەيشەنبە كۈنى، 1400 يىل بۇرۇن پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام باسقان يولنى بېسىپ، مەككە شەھىرىنىڭ بەش كىلومېتر شەرقىي رايونىغا جايلاشقان مىنادا توپلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن كىشىدىن كۆپ ئىكەن. ھەج قىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار بىلەن بۇ سان ئۈچ مىليونغا يېتىپ بارىدىكەن.
مىنا توپلانغان مۇسۇلمانلار، مىناددا بىر كۈن ئىبادەت قىلىپ، جۈمە كۈنى ئەرەپاتقا قاراپ يولغا چىقىدىكەن. ھەج ئىبادىتى نىمىلەرنى ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار قايسى ئىبادەت باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەئىستاندىكى تۈركىستان رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سىراجىدىن ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.