مەككىدە بىر بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، كۆپ ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى


2006.01.05

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى كەبە ئەتراپىغا جايلاشقان 6 قەۋەتلىك بىر مېھمانخانىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 23 ئادەم ئۆلدى. بەزى مەنبەلەر ئۆلگەن ھاجىلارنىڭ سانى 70 كە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما بۇ سان رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى.

سەئۇدى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر 20 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ۋەقە پەيشەنبە كۈنى ناماز مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 70 - 80 گە يېتىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر مەككىدە ھەج ئىبادىتىگە قاتنىشىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىدىكى سىراجىدىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.